مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

12 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان ئېغىر زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە چېتىشلىق بالىلارنى پىرىنسىپ جەھەتتىن مەخسۇس مەكتەپلەرگە ئاپىرىپ بېرىش كېرەك

2022.05.26 13:13 مەنبە: خەلق تورى

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 25-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزگەن « ‹ئىككى قانۇن› نى قولمۇقول ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى ئورتاق قوغدايلى» تېمىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 9- تەپتىش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لى فېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشتىكى «ئىككى قانۇن» نىڭ تەپتىش ئورگانلىرىغا يۈكلىگەن تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2021-يىلى 5-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرىدا ئىككى يىللىق مۆھلەتتىكى «تەپتىش قىلىش بىلەن بالىلارنى ئاسراشنى بىرلەشتۈرۈش، كەلگۈسىنى ئورتاق قوغداش» تېمىسىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇن نازارەتچىلىكى مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. مەخسۇس ھەرىكەت قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تەپتىش ئورگانلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۇنىۋېرسال ئەدلىيەلىك قوغداشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، باشقا تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ« ئىككى قانۇن» نى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قەدەر ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.


  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئالاھىدە باشقۇرۇش-تەربىيەلەش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە، لى فېڭ مۇنداق دېدى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەخسۇس مەكتەپ قۇرۇش توغرىسىدىكى مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، 12 ياشقا توشقان، 14 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتىگە چېتىلىدىغانلىرىنى پىرىنسىپ جەھەتتىن مەخسۇس مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىش تەلەپ قىلىندى. جايلاردىكى تەپتىش ئورگانلىرى مەخسۇس مەكتەپنىڭ خىزمەتلىرى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى پائال ئورنىتىپ، مەخسۇس مەكتەپكە كىرىش تەرتىپى، ئۈنۈمىنى باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رېئال قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، جىنايەت ئۆتكۈزگەن 2159 قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى مەخسۇس مەكتەپكە ئاپىرىپ تۈزەش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى. گۇيجوۋ ئۆلكىسىدىكى تەپتىش ئورگانلىرى «يېڭىچە تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى» دىن پايدىلىنىپ، جىنايەت ئۆتكۈزگەن بالىلارنى تەربىيەلەش، تۈزەش يېشىل يولىنى ئېچىپ، 233 نەپەر جىنايەت ئۆتكۈزگەن بالىنى مەخسۇس مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ