دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ بىرلىكتە ھاۋا بوشلۇقىدا ئىستراتېگىيەلىك چارلاش ئېلىپ بارغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى
مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى :24-چېسلا، جۇڭگو-رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى بىرلىشىپ ھاۋا بوشلۇقىدا ئىستراتېگىيەلىك چارلاش ئېلىپ باردى، بەزى تاراتقۇلار بۇ قېتىمقى چارىلاش ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دېگەن. باياناتچى بۇنىڭغا قانداق قارايدىكىن؟
ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: 24 - چېسلا، جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى دۆلەت ھاۋا ئارمىيەسى 2022-يىللىق دائىملىق بىرلەشمە ئىستراتېگىيەلىك چارلاش ئېلىپ باردى. بۇ، 2019 - يىلىدىن بۇيان ئىككى دۆلەت ھاۋا ئارمىيەلىرى بىرلىشىپ يولغا قويغان 4- قېتىملىق ئىستراتېگىيەلىك چارلاش بولۇپ، ئىككى دۆلەت ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى سىناش ۋە ئۆستۈرۈش، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان. بۇ قېتىمقى ھەرىكەت ھەر قانداق بىر تەرەپكە قارىتىلغان ئەمەس، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ