مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا نەزەرى بىلەن ئىنسانلار دۇچ كەلگەن خىرىس ئۈستىدە ئويلىنىش كېرەك

2022.05.26 12:34 مەنبە: خەلق تورى

  مېكسىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى لى زىۋېن ھازىر مېكسىكا تاشقى سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە تېخنىكا كارخانىلىرى كېڭىشى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى كومىتېتىنىڭ رەئىسى. لى زىۋېن خەلق گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى جۇڭگونىڭ دۆلەت رەھبىرىنى مۇنداق تەسۋىرلىدى: «رەئىس شى جىنپىڭ يىراقنى كۆرەر، ئىدىيەسى دانا بولۇپ، مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى».


  2009-يىلى 2-ئايدا، مېكسىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگونىڭ شۇ چاغدىكى مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ مېكسىكىدا رەسمىي زىيارەتتە بولدى. لى زىۋېن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن. جۇڭگو شۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، مېكسىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىگىلەپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


  لى زىۋېن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئۇ مېنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم. ئۇ مېكسىكا-جۇڭگو كارخانىچىلىرى ئۆتكۈزگەن چۈشلۈك زىياپەتتە سۆز قىلدى. سۆز ئىخچام ۋە مېغىزلىق، تەپەككۇر يولى ئېنىق، تىلى ئاددىي بولۇپ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى، قانداق قىلغاندا ئۆز دۆلىتى ۋە خەلقىگە يۈكسەك دەرىجىدە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ناھايىتى قەتئىي، ئېنىق بىلەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئوچۇق-يورۇق، سەمىمىي، كۆكسى-قارنى كەڭ ئىدى. بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىدىغان، جەلىپكار رەھبەرنى كۆردۇق.


  2013-يىلى 4-ئايدا، شۇ چاغدىكى مېكسىكا زۇڭتۇڭى ئېنرىك پېنىيا نېتو جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەم بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2013-يىل يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى، لى زىۋېن سودا ساھەسىدىكى ۋەكىل سۈپىتىدە ھەمراھ بولغانىدى. «رەئىس شى جىنپىڭ مۇنبەر يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا: بىز ئوخشاش بىر يەر شارى كەنتىدە ياشاۋاتىمىز، شۇڭا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا ۋە دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك»، دەپ تەكىتلىدى، دېدى لى زىۋېن.


  پېنىيا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان تۇنجى مېكسىكا زۇڭتۇڭى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىلەن ئاسىيادىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ھەمكارلىشىشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. لى زىۋېن مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ پېنىيانىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشىدىكى مەقسىتى جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئورتاق تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىش مەزگىلىدە، زۇڭتۇڭ پېنىيا رەئىس شى جىنپىڭنى مېكسىكىدا زىيارەتتە بولۇشقا قىزغىن تەكلىپ قىلدى، رەئىس شى جىنپىڭ تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەش كېرەك.


  2013-يىلى 6-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ مېكسىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. قىسقىغىنا ئىككى ئاي ئىچىدە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو- مېكسىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. دەل بۇ قېتىمقى زىيارەتتە، جۇڭگو- مېكسىكا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلدى. لى زىۋېن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ دوستلۇق قېرىسۇن، ياخشى ھاراق ئىچسۇن. مېكسىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق خۇددى كونا ئاگاۋا ھارىقىغا ئوخشاش ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قىممىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مۇھىم دۇنياۋى قارالمىلاردا نۇرغۇن ئورتاق مەنپەئەتى ۋە مەسئۇلىيىتى بار، دېگەن. بۇ قېتىمقى زىيارەتتىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى نۇرغۇن رامكا كېلىشىمى ياكى ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلدى، تىنچ ئوكيان ئارقىلىق قارىشىپ تۇرىدىغان ئىككى دۆلەت بارغانسېرى يېقىنلاشتى.


  2014-يىلى 11-ئايدا، زۇڭتۇڭ پېنىيا تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەم ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 22-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى، لى زىۋېن يەنە بىر قېتىم ھەمراھ بولدى. بېيجىڭ يەنچىخۇ كۆلى بويىدا رەسمىي خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشتىن بۇرۇن، زۇڭتۇڭ پېنىيا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن خادىملارنى رەئىس شى جىنپىڭغا تونۇشتۇردى. لى زىۋېن ئەينى ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: تونۇشتۇرۇپ ماڭا كەلگەندە، رەئىس شى جىنپىڭ: مەن ئەلۋەتتە ئۇنى تونۇيمەن، بىز ھەممىمىز لى باش ئەلچىنى بىلىمىز ھەم ئۇنىڭغا قايىلمىز، ئۇ جۇڭگونىڭ ياخشى دوستى دېدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دوستانە نەزەرى، مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن چاغدىكى سەمىمىيلىكى ۋە قەتئىيلىكى ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ. مەنمۇ ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن، بۇ مېنىڭ مېكسىكا-جۇڭگو دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىمنىڭ يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.


  لى زىۋېن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ئۇ مۇنداق قارىدى: بۇ تەشەببۇس ئۇل ئەسلىھە، سودا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ھەمكارلىقلار ئارقىلىق دۆلەت بىلەن دۆلەت، قىتئەلەر بىلەن قىتئەلەر ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق، مۇقىملىق، ئورتاق تەرەققىيات كۆۋرۈكى ھاسىل قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ پايدىنى كۆزلىگەندە پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەش كېرەك، دەپ ياخشى ئېيتقان. لاتىن ئامېرىكىسىلىقلارنىڭ پۈتۈن دۇنياغا مەنپەئەت يەتكۈزگەندىلا، ئاندىن ئۆز دۆلىتىگە نەپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ، دېگەن گېپى بار. بىر دۆلەت رەھبىرى دۇنيا نەزەرى بىلەن ئىنسانلار دۇچ كەلگەن خىرىس ئۈستىدە ئويلانغاندا ھەمدە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەندە، دۇنيا ئۇنىڭ ۋەزنى ۋە كۆڭلى-كۆكسىنى كۆرەلەيدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ