مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ چىشەن بىرازىلىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى موران بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-بىرازىلىيە يۇقىرى قاتلام ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2022.05.25 19:40 مەنبە: خەلق تورى

  5–ئاينىڭ 23–كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن بېيجىڭدا بىرازىلىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى موران بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-بىرازىلىيە يۇقىرى قاتلام ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.


  ۋاڭ چىشەن مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ بولسونارونىڭ توغرا يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە بىر-بىرىنىڭ تۈپ ۋە يىراق كەلگۈسى مەنپەئەتىگە ئېتىبار بېرىپ، دۇنياۋى خىرىسلارغا ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى. ئىككى تەرەپ سودىسى ئۇدا تۆت يىل 100 مىليارد دوللاردىن ئاشتى، جۇڭگو ئۇدا 13 يىل بىرازىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھلىق ئورنىنى ساقلاپ كەلدى. بىرازىلىيە جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش نىشان دۆلىتى. ئىككى دۆلەت ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، پەن-تېخنىكا، ئادىمىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى قويۇقلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى كۈچەيدى.


  ۋاڭ چىشەن مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيا يېڭى داۋالغۇش مەزگىلىگە كىردى، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە چوڭ دۆلەتلەر، توغرا تارىخىي يۆنىلىشنى باشتىن-ئاخىر ئىگىلەپ، مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە زىچ ئالاقىلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. كېلەر ئايدا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ، ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى يۇقىرى قاتلام ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىغا ياخشى تەييارلىق قىلىپ، ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، يېشىل، تەكشى تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.


  موران مۇنداق بىلدۈردى: بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدۇ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. بىرازىلىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇڭگوغا قارىتىلغان مەھسۇلات ئېكسپورتىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىسادنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى قېزىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بىرازىلىيەگە مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. ھازىر دۇنيا ئېنىقسىزلىققا تولدى، بىرازىلىيە جۇڭگو بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسىدا ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.


  جۇڭگو-بىرازىلىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كومىتېتى ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدىكى ھازىرقى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ۋە ھەمكارلىق مېخانىزمى. بۇ قېتىمقى يىغىندا جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇلۇپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىككى تەرەپ «2022-يىلىدىن 2031-يىلىغىچە بولغان جۇڭگو-بىرازىلىيە ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى» ۋە «2022-يىلىدىن 2026-يىلىغىچە بولغان جۇڭگو-بىرازىلىيە ئىجرا قىلىش پىلانى» توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، كەلگۈسى ئون يىللىق ھەمكارلىق نىشانى ۋە پىرىنسىپىنى پىلانلاپ، كەلگۈسى بەش يىلدا ئالدىن ھەمكارلىشىدىغان ساھە ۋە تۈرلەرنى بېكىتتى. ئىككى تەرەپ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كومىتېتى مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، قوش باج ئېلىشتىن ساقلىنىش كېلىشىمنامىسى ۋە بىرازىلىيەنىڭ كۆممىقوناقلىرىنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش كېلىشىمنامىسى قاتارلىقلارنى ئىمزالىدى.



  يىغىندىن كېيىن، ۋاڭ چىشەن بىلەن موراۋ يىغىن خاتىرىسى ئىمزالىدى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر



  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ