مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 جىنايەتچى» دىن سۇن فېڭ ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىندى

2022.05.23 10:54 مەنبە: خەلق تورى

  5-ئاينىڭ 19-كۈنى، مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارادا قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشى، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى رېۋىزىيە ئورگىنى، ج خ ئورگىنىنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى ئارقىلىق خەلقئارادا ھەمكارلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىپ، «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 جىنايەتچى» نىڭ بىرى سۇن فېڭنى چېگرا سىرتىدا تورغا چۈشۈرۈپ ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كەلگەن.


  سۇن فېڭ، ئەر، 1978-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى جياڭيىن شەھىرى ياۋسەي شەھەرلىك تارماق بانكىسىنىڭ سابىق باشلىقى بولۇپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ نۇرغۇن مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، 2011-يىل 12-ئايدا چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. جياڭيىن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى توختام ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە چېتىشلىق، دەپ قاراپ دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن. 2012-يىلى 2-ئايدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى ئارقىلىق ئۇنىڭغا قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان. 2015-يىل 4-ئايدا،«قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 جىنايەتچى» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.


  سۇن فېڭ «ئاسماندا تور ھەرىكىتى» قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان قولغا ئېلىنغان «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 جىنايەتچى» ئىچىدىكى 61-كىشى. مەركەز قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: سۇن فېڭنىڭ چەت ئەلگە قېچىپ كېتىپ ئون يىلدىن كېيىن تورغا چۈشۈشى قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى، قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىشتىكى مۇھىم نەتىجىسى بولۇپ، بىزنىڭ قاچقانلارنى چوقۇم قوغلاش، ئاخىرىغىچە قوغلاپ تۇتۇشتەك قەتئىي ئىرادىمىزنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. چەت ئەلگە چىقىۋېلىش قانۇندىن مۇستەسنا بولۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ ، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەنلەرنىڭ چىقىش يولى بولمايدۇ. بىز چېگرا سىرتىدا قېچىپ يۈرگەنلەرنى خام خىيالنى قويۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز، جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئاخىرىدا قانۇن تورىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ