مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىنتىزامغا قايتا-قايتا خىلاپلىق قىلىشنى تۈزەشتە كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش لازىم

2022.05.20 23:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ بەش مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئاشلىق تەرەققىيات گۇرۇھى جاڭۋۇ ئاشلىق زاپاس ساقلاش ئامبىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ سابىق باش دىرېكتورى ۋاڭ گوخۇي، جۇ خۇڭفۇنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش مەسىلىسى بار. جۇ خۇڭفۇ 2017-يىلى 10-ئايدىن 2018-يىلى 3-ئايغىچە ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەندىن كېيىن، يەنە 2018-يىلى 4-ئايدىن 2019-يىلى 2-ئايغىچە ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى 36 قېتىم شەخسىي ئىشقا ئىشلەتكەن، شامالغا قارشى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان، قىلمىشى ئېغىر بولغان. ئاخىرىدا، ۋاڭ گوخۇيغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى، جۇ خۇڭفۇغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ئالاقىدار ھەقلەر يىغىۋېلىندى.

  «تۆت خاھىش»نى سىجىل تۈزەشتەك يۇقىرى بېسىم ھالىتىدە يەنىلا ئايرىم پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار شامالغا قارشى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلدى، ھەتتا قايتا-قايتا تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمىدى، بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنى چوڭقۇر سۈرۈشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. پارتىيەۋىلىكى كۈچلۈك بولغاندىلا، ئاندىن ئىنتىزامى چىڭ بولىدۇ. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ھەرىكىتى قېلىپتىن چىقىپ كېتىش، بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ يىلتىزى ئىدىيە «باش ۋىكليۇچاتېل»ىدىن مەسىلە چىقىش بولۇپ، ئىنتىزام-قانۇن ئېڭى ئاجىز بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دېلو مىساللىرىغا نەزەر سالساق، بەزى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىنتىزام تەلىپىنى ئاڭلىمىغانغا سالغان، تەشكىل قۇلىقىنى چىشلەپ، يېڭىنى تارتىپ، قايتا-قايتا ئەسكەرتسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىنتىزام، قائىدە ئېڭىنىمۇ ئويغىتالمىغان بولۇپ، ئۆزى بىلگەننى قىلىپ، يەنىلا بۇرۇنقىدەك بولغان ئىدى.

  بەزى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جازالانغاندىن كېيىن، قايتا ئويلىنىپ خاتالىقىنى تۈزەتمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە «بولار ئىش بولدى» دەپ، ئىشقىلىپ جازاغا ئۇچرىدىم، يەنە بىر نەچچە جازا بولسىمۇ بەرىبىر، دەپ قارىغان. سىياسىي جەھەتتە، ئىدىيە جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلسە، ھەرىكەت جەھەتتە ئىنتىزام تەلىپى بىلەن تەدرىجىي يىراقلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېلو يۈز بەرگەن ئورۇننىڭ تۈزىتىشى شەكىلگە ئايلىنىپ قېلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جايىدا بولماي، ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئىنتىزامغا قايتا-قايتا خىلاپلىق قىلىشقا يول قويۇلىدۇ. بۇ دېلودا جۇ خۇڭفۇنىڭ كۆپ قېتىم ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلەتكەنلىكى، دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن ئاندىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ تۈزىتىلگەنلىكى بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  «كېسەلنى داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇش»تا «كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش» كېرەك. ئالدى بىلەن چارە كۆرۈلگەن پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتە ئەيمەنمەسلىك، بەرىبىر بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنى چوڭقۇر، تولۇق ئىشلەپ، پارتىيە ئېڭى، پارتىيە ئەزالىق ئېڭىنى ئويغىتىپ، ئۇلارنى ئىنتىزام-قانۇندىن، پارتىيەدىن، خەلقتىن ھېيىقىشقا يېتەكلەپ، ئىدىيەۋى ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك؛ دېلو يۈز بەرگەن ئورۇندىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ جازالانغاندىن كېيىنكى ئىدىيەۋى ئەھۋالى، ئەمەلىي ئىپادىسىگە كۆپرەك دىققەت قىلىپ، مەسىلە بايقالسا ۋاقتىدا تۈزىتىشنى ئەسكەرتىشى كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جەھەتتە ئالاقىدار تارماقلار ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كۈندىلىك نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى، بولۇپمۇ ئادەم، مالىيە، نەرسە ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن مۇھىم ئىش ئورۇنلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، بىخ خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئەسكەرتىشى، ھەرگىز ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىكى، ھەقىقىي تۈردە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، تەدبىرلەرنى چىڭىتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ