ئامېرىكىلىق جاۋابكار شادىد ئابدۇلمەتىننىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

2022.04.22 13:38 مەنبە: خەلق تورى

  جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 21-چېسلا ئامېرىكىلىق جاۋابكار شادىد ئابدۇلمەتىننىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا بىرىنچى سوتتا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار شادىد ئابدۇلمەتىنگە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بەردى.

  سوت قىلىش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، 2019-يىلىنىڭ بېشىدا، جاۋابكار شادىد ئابدۇلمەتىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى چېن فامىلىلىك (ئايال، ئۆلگەن چاغدا 21 ياش) بىلەن تونۇشۇپ، يالغاندىن ئۆزىنى ئاجراشقان، ھازىر بويتاق دېگەن، بارا-بارا چېن فامىلىلىك بىلەن قىز-ئوغۇل دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە بولغان. 2021-يىل 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ چېن فامىلىلىك كۆپ قېتىم ئايرىلىپ كېتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، شادىد ئابدۇلمەتىن بۇنىڭغا قوشۇلمىغان ھەمدە چېن فامىلىلىككە گەپ -سۆز ئارقىلىق تەھدىت سالغان. شادىد ئابدۇلمەتىن 2021-يىل 6-ئاينىڭ 14- كۈنى سائەت 20 لەر ئەتراپىدا، چېن فامىلىلىك بىلەن بۇرۇن ئالاقىلىشىپ قويۇپ، قاتلىنىدىغان پىچاق، كىيىم-كېچەك قاتارلىقلارنى ئېلىپ، نىڭبو شەھىرىنىڭ تۇڭتۇ يولىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى چىڭ شۈيچياۋ كوچا ئېغىزى كوچا ئاپتوبۇس بېكىتى ئەتراپىدىكى پىيادىلەر يولىغا بېرىپ، چېن فامىلىلىك بىلەن كۆرۈشۈپ سۆزلەشمەكچى بولغان. سائەت 21 دىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە، شادىد ئابدۇلمەتىن يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن قاتلىنىدىغان پىچاق بىلەن چېن فامىلىكنىڭ بوينىغا پىچاق سانجىغان ۋە بىر قانچە قېتىم پىچاق تىققان، چېن فامىلىلىك قارشىلىق كۆرسىتەلمىگەندىن كېيىن، يەنە ئۇنىڭ يۈزىگە داۋاملىق پىچاق تىققان، چېن فامىلىلىكتىن قان كۆپ چىقىپ كېتىپ، نەق مەيداندا ئۆلگەن.

  نىڭبو شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار شادىد ئابدۇلمەتىن قانۇنسىز ھالدا قەستەن باشقىلارنى ھاياتىدىن مەھرۇم قىلغان، ئۇنىڭ قىلمىشى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن. شادىد ئابدۇمەتىن ئۆچ ئېلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈشنى پىلانلاپ، پىچاق تىقىپ، چېن فامىلىلىكنىڭ يۈز قىسمىنى، بوينىنى كېسىۋېتىپ، چېن فامىلىلىكنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، مەقسىتى رەزىل، جىنايەت ئىستىكى كەسكىن، ۋاسىتىسى رەھىمسىز، جىنايى قىلمىشى ئىنتايىن قەبىھ، ئاقىۋىتى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك.سوت قىلىش مەزگىلىدە، سوت مەھكىمىسى جاۋابكار شادىد ئابدۇلمەتىننىڭ ئاقلاش، تەرجىمانلىققا ئېرىشىش، كونسۇل يوقلاش قاتارلىق تۈرلۈك دەۋا ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە تولۇق كاپالەتلىك قىلدى، سوت ئېچىش، ھۆكۈم ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا قانۇن بويىچە ئۇقتۇرۇش قىلدى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ھەر ساھە ئاممىسىدىن بولۇپ 20 نەچچە كىشى دېلو ھۆكۈمىنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ