مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«قوينى ئېلىپ كېتىش» ئىشى كۆپلىگەن «ئىستىل كېسىلى»نى ئاشكارىلاپ قويدى؟

2022.04.19 19:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان بىر «كەنت چارلاش ئەترىتى» قوي بېقىۋاتقان ئاممىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، «قوينىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش» نامى بىلەن بىر قوينى مەجبۇرىي ئېلىپ كەتكەن. ئاڭلىماققا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بۇ ئىش خېبېي ئۆلكىسىنىڭ خېجيەن شەھىرىدە ھەقىقەتەنمۇ يۈز بەردى.

  بۇ كۆرۈنۈش كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

  يېقىندا، خېجيەن شەھەرلىك بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بۇ ئىشقا قارىتا ھۆكۈمەت تەرەپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلىپ، دېلوغا چېتىشلىق خادىملارنىڭ ساختا ساقچى ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، ساقچىخانىنىڭ چارلىغۇچىلىرى قىياپىتىگە كىرىۋالغانلىقىنى ھەمدە چاڭسۈن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چاڭ خەيبىڭ قاتارلىق دېلوغا چېتىشلىق توققۇز جىنايەت گۇماندارىغا قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇنىڭغا قارىتا نۇرغۇن تورداشلار يەنە سوئال قويۇشتى: كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى قاتارلىق بىر توپ كىشى نېمە ئۈچۈن ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ؟ زادى ساختا سالاھىيەت بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلغانمۇ ياكى ھوقۇقىغا تايىنىپ خالىغىنىنى قىلغانمۇ؟ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ سۆزلىرى ئېنىق ئەمەس، شۇ جاي «قوينى ئېلىپ كېتىش» ۋەقەسىنى يەنىمۇ تەكشۈرۈشى ۋە چۈشەندۈرۈشى زۆرۈر.

  «قوينى ئېلىپ كېتىش» ۋەقەسىنىڭ ئارقىسىدا ساقلانغان كادىرلار ئىستىلى ۋە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش مەسىلىسى تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ «يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»دە، «بىر كەنتتە بىر ياردەمچى ساقچى بولۇش» مېخانىزمىنى يولغا قويۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىگىلىنىشىچە، بەزى جايلار مەركەزنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە «ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ»، ياردەمچى ساقچىلارنى «ساقچى ئىشلىرى ياردەمچىسى»گە ئايلاندۇرغان، كەنت كومىتېتى كادىرلىرى ھەتتا دائىرە باشقۇرغۇچىلىرى ساقچى فورمىسىنى كىيىپ دەرھاللا ئۆزگىرىپ، قوشۇن باشقۇرۇشتا سان توشقۇزۇشتەك قالايمىقان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.

  چارە كۆرۈلگەن كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ئادەم باشلاپ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ساختا ساقچى ماشىنىسى بىلەن ساقچىخانىنىڭ خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋالغان. بۇ دەل يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەھۋالغا تەۋە بولامدۇ-يوق؟ بۇ مەسىلىنى ئالاقىدار تەرەپلەر يەنىمۇ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى ھەمدە مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى تېپىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىشى كېرەك. ئاممىۋى پىكىر دىققەت قىلغاچقىلا، بىر ۋاراق قەغەز يۈزىدە چارە كۆرۈپلا ئىشنى تۈگىتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نامى بىلەن قوينىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دېگەندەك ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىشلار شۇ جايدا ئومۇملاشقانمۇ-يوق؟ ئەگەر بۇنداق كادىرلار، بۇنداق قىلمىشلار ئايرىم كىشىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تاسادىپىي خالىغانچە ئەسكىلىك قىلىشى بولماستىن، بەلكى ئۇزاق مۇددەت ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن بولسا، ئۇنداقتا شۇ جاينىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشىغا چوڭ بىر سوئال قويۇش كېرەك.

  «قوينى ئېلىپ كېتىش» كىچىك ئىش ئەمەس، ئۇنىڭ كەينىدە كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى بار، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازى بار. پارتىيەمىز ئىنقىلاب دەۋرىدىن باشلاپلا «ئاممىنىڭ بىر تال يىپ-يىڭنىسىنىمۇ ئالماسلىق»نى ھۆكۈمەت خادىملىرى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئىنتىزام قىزىل سىزىقى قىلىپ، بۇنىڭ قائىدىسىنى ئاللىقاچان چۈشەندۈرۈپ بولغان.

  بۈگۈنكى كۈندە، بىر قىسىم كىشىلەر بۇ ئېسىل ئەنئەنىنى ئۇنتۇپ قالدى، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە ئاشكارا زىيان يەتكۈزىدىغان بۇنداق قىلمىش ۋە قىسمەن كادىرلارنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشتەك ئىدىيەۋى ئىستىل مەسىلىسىگە قارىتا، ئالاقىدار تارماقلار چوقۇم ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى، يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقى كېرەك. ۋەقەنىڭ كەينىدە ساقلانغان كادىرلار ئىستىلى ۋە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا، ئەستايىدىل ئويلىنىش، زور كۈچ سەرپ قىلىپ تۈزىتىش تېخىمۇ زۆرۈر.

  شۇنى بىلىش كېرەككى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئامما بىلەن ئەڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر توپىنىڭ بىرى، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»دۇر، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىستىلى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئۈچۈن شان-شەرەپ كەلتۈرەمدۇ ياكى قارا چاپلامدۇ، پەقەت ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھەربىر ھەرىكىتىگە باغلىق. ھەر ۋاقىت ئاممىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان ئاساسىي قاتلام ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ