مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىش لازىم

2022.04.11 14:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەلۇم جايدىكى بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى ئەخلەت ساندۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئولتۇراق رايون ئىچىدە ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ يىغىش پونكىتىدىن ئىككىسى تەسىس قىلىندى. ھالبۇكى، ئاھالىلەرنىڭ ئادىتىنى بىردەمدە ئۆزگەرتىش تەس بولغاچقا، ئۆي-زېمىن خوجىلىقى ۋاقتىدا تازىلىمىغاچقا، ئولتۇراق رايوندا ئەخلەت دۆۋىلىنىپ كېتىش ئېغىر بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزدى. ئەسلىدە، بۇ جايدا شەھەر-يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ ياخشىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئەخلەت چېلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ نۇقتىنى بىرلەشتۈرۈش، قەرەللىك ئەخلەت تاشلاشنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇن ئىكەن. ئەمما، ئۆلچەمنىڭ بېكىتىلىشى ئىلمىي ئەمەس، ئەخلەت پونكىتىنىڭ پىلانلىنىشى مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن، خىزمەتتە ئېغىش كۆرۈلگەن. بەزى ئاھالىلەر ئۇدۇللا مۇنداق دېدى: «ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش ياخشى ئىش، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قوللايدۇ. لېكىن، ياخشى ئىشنى ياخشى قىلىپ، ئەمەلىي ئىشنى ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا، ئاندىن بىز ھەقىقىي رازى بولىمىز.»

  ئەمەلىي خىزمەتتە، بۇنداق ئىشلار پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بەزى جايلار يېزىلاردا ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرگەندە، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئويلاشماي قارىغۇلارچە ئىش كۆرگەن، نەتىجىدە يېڭىدىن سېلىنغان ھاجەتخانىلار زىننەت بۇيۇمىغا ئايلىنىپ قالغان؛ بەزى كادىرلار ئاممىنى يېتەكلەپ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كەمچىل بولۇپ، قارىغۇلارچە ئەگەشكەن، ئاخىرىدا ياخشى نەپ ئېلىپ كېلەلمەيلا قالماستىن، يەنە بايلىق ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان... ئەسلىدە خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىدىغان ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش بولسىمۇ، لېكىن خىزمەت تەپەككۇرى، شەكلى، ئۇسۇلىنىڭ ئىلمىي، توغرا بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، خىزمەتتە «يېقىشلىق بولماسلىق»، ياخشى ئىش «ئېتىراپ قىلىنماسلىق»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەكسىچە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزگەن.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىشتا، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىشىمىز كېرەك.

  ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەلىي بولۇشتا. پارتىيەلىك كادىرلار ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مۇۋاپىق پىلانلاپ، ئىش بېجىرىش تۈرلىرىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىش بېجىرىش جەريانىدا راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، خەلققە جاپا، مۈلۈككە زىيان سالىدىغان «ئوبراز قۇرۇلۇشى»، «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى» ئېلىپ بارماسلىق، ئىز قالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نەتىجىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، ئىز قالدۇرۇپ، كۆڭۈلدە قالدۇرماسلىق قاتارلىق خاتا ئۇسۇللارنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ