مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شياڭگاڭ ساقچىلىرى 125 مىليون شياڭگاڭ پۇلى قىممىتىدىكى زەھەرنى قولغا چۈشۈردى، دېلوغا چېتىشلىق ئايال خىزمەتكار قولغا ئېلىندى

2022.01.17 10:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- ئاينىڭ 14- كۈنى، شياڭگاڭ ساقچى تەرەپ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، زەھەر ئەتكەسچىلىك دېلوسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ساقچى تەرەپنىڭ زەھەر تەكشۈرۈش بۆلۈمى يېقىندا يۈەنلاڭ، بېيجياۋ ۋە شىخۇەندە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 96 كىلوگىرام كوكائىن، 34 كىلوگىرام خلوروئامىنون ۋە 25 كىلوگىرام نەشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 154 كىلوگىرام ئوخشىمىغان تۈردىكى زەھەرنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى، بۇنىڭ قىممىتى 125 مىليون شياڭگاڭ پۇلىغا يېتىدۇ. ساقچى تەرەپ خەتەرلىك دورىلارنى توشۇپ سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق 58 ياشلىق يەرلىك ئەر بىلەن 40 ياشلىق فىلىپپىنلىق ئايال خىزمەتكارنى قولغا ئالدى. ساقچىلار 44 ياشلىق يەنە بىر ئەرنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى، ساقچىلارنىڭ دېيىشىچە ئۇ ۋەقەگە چېتىشلىق زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىنىڭ غوللۇق ئەزاسى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدىكەن. سۈرەتتە شياڭگاڭ ساقچى تەرەپ تەكشۈرۈپ ئېرىشكەن گۇمان كەندىر. چېن يۇڭنو فوتوسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ