خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاينىڭ 12- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاتموسفېرا فىزىكىسى تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان 2021 ـ يىللىق دېڭىز-ئوكيان ئىللىپ كېتىش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021 ـ يىلى، دېڭىز-ئوكيان تېمپېراتۇرىسى سىجىل ئۆرلىگەن، ھازىرقى زامان دېڭىز-ئوكيان كۆزىتىش خاتىرىسى بارلىققا كەلگەندىن بۇيانقى دېڭىز-ئوكيان ئەڭ ئىللىق بىر يىل بولغان. ئوتتۇرا دېڭىز، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان، جەنۇبىي ئوكيان، شىمالىي تىنچ ئوكيان دېڭىز رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسىدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.
بۇ دوكلاتنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاتموسفېرا فىزىكىسى تەتقىقات ئورنى باشلامچى بولۇپ دۇنيادىكى 14 تەتقىقات ئورنىدىكى 23 ئالىم بىلەن بىرلىشىپ ئورتاق تەتقىق قىلىپ تاماملىغان، دوكلات 11-چېسلا نەشردىن چىققان ئىلمىي ژۇرنال «ئاتموسفېرا ئىلمىي تەرەققىياتى» دا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خەلقئارادىكى تۇنجى 2021-يىللىق دېڭىز-ئوكيان ئىللىپ كېتىش دوكلاتى بولغان.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاتموسفېرا فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى چېڭ لىجىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىدىكى % 90 تىن ئارتۇق ئىسسىقلىق دېڭىز-ئوكياندا ساقلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم ئىشلىتىلىدىغان يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دېڭىز-ئوكيان ئىسسىقلىق مىقدارى تەبىئىي داۋالغۇشنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچرايدۇ، شۇڭا دېڭىز-ئوكيان ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشى يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىش-كەتمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى».
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاتموسفېرا فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى يەر شارىدىكى دېڭىز-ئوكيان دېڭىز-ئوكيان يۈزىدىن 2000 مېتىر يۇقىرى قاتلامدىن قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارى 2020- يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، 14 كۆپەيتىلگەن 10نىڭ 21- دەرىجىسى جول كۆپەيگەن، بۇ ئىسسىقلىق مىقدارى جۇڭگونىڭ 2020-يىلى پۈتۈن يىللىق توك تارقىتىش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 500 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ