خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋاڭ ۋېنبىن:
بىز لىتۋا تەرەپنى خاتالىقنى تۈزىتىپ، جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ پېچكىسى بولۇپ قالماسلىققا دەۋەت قىلىمىز ھەمدە ئامېرىكا تەرەپكە شۇنى جىددىي ئۇقتۇرىمىزكى، تەيۋەننىڭ كويىدا بولغاندا ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولمايدۇ، پەقەت ئوتنى ئۆزىگە تۇتاشتۇرۇۋالىدۇ
1- ئاينىڭ 10- كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: 7-چېسلا، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى دەي چى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى دومبروۋىسكىس بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە لىتۋانىڭ جۇڭگونىڭ «ئىقتىسادىي تەھدىتى» گە تاقابىل تۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: ئاتالمىش «تەھدىت سېلىش» ئۈستىدە توختالغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 1994-يىلى ھايتى ھەربىي ھۆكۈمىتىنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلاشنى «تەھدىت سېلىش دىپلوماتىيەسىنىڭ ئۈلگىسى» دەپ ئاتىغان، 2003-يىلى 30 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق ھەربىي خىراجەتنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ئېنىق قىلىپ «تەھدىت سېلىش دىپلوماتىيەسىنى قانات يايدۇرۇش» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ئامېرىكا ۋاسىتە تاللىماي فىرانسىيەنىڭ ئالستوم، ياپونىيەنىڭ توشىبا شىركىتى قاتارلىق رىقابەتچىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ، تەيۋەنگە توك توپلاش، سامسۇڭ قاتارلىق كارخانىلارنى ئۆزەك تەمىنلەش زەنجىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىغان، بۇ سېپى ئۆزىدىن «قاقتى-سوقتى قىلىش دىپلوماتىيەسى». ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ھەققانىي تەدبىرىنى «تەھدىت سېلىش» قا بۇرمىلاپ، ئامېرىكىنىڭ «سۆز زومىگەرلىكى» نىڭ ساختىلىقى ۋە ئالدامچىلىق خاراكتېرىنى تولۇق ئاشكارىلىدى.
ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: لىتۋانىڭ جۇڭگو-لىتۋا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندا بەرگەن سىياسىي ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى، خەلقئارادا «بىر جۇڭگو، بىر تەيۋەن» پەيدا قىلغانلىقىدەك پاكىتلار ئىنتايىن ئېنىق. لىتۋادىكى ئوقۇمۇشلۇق زاتلارمۇ بۇنى تەنقىد قىلدى. ئامېرىكا تەرەپ دەسلەپتىلا لىتۋا دائىرىلىرىنى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى بۇزۇشقا قۇترىتىپلا قالماي، يەنە ئۈزۈكسىز ھالدا لىتۋاغا مەدەت بېرىپ، لىتۋانى ئامېرىكىنىڭ «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى چەكلەش» سىياسىي سۇيىقەستىگە ماسلاشتۇرماقچى بولدى.
«بىز لىتۋانى خاتالىقىنى تۈزىتىپ، جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ پېچكىسى بولۇپ قالماسلىققا دەۋەت قىلىمىز. بىز ئامېرىكا تەرەپكە يەنە شۇنى جىددىي ئۇقتۇرىمىزكى، كىم تەيۋەننىڭ كويىدا بولىدىكەن، پەقەت ئوتنى ئۆزىگە تۇتاشتۇرىۋالىدۇ،خالاس».
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى