گوۋۇيۈەن مائارىپ مۇپەتتىشلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى: مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشى ھۆكۈمەتنىڭ جەزمەن كاپالەتلىك قىلىدىغان چىقىمى قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ
2022.01.12 11:36 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 11-چېسلا ئىگىلىشىچە، گوۋۇيۈەن مائارىپ تەپتىشلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى ئەسكەرتىش ئالاقىسى ئەۋەتىپ، جايلاردىن مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشىنى ھۆكۈمەتنىڭ زۆرۈر چىقىمى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ۋە مائاش كىرىمىنىڭ شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ تەمىناتىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىمى سەۋىيەسىنىڭ شۇ جايدىكى مەمۇرلار سىياسىتىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ھەم 2021 ـ يىلى يىل ئاخىرىدىكى مۇكاپات خاراكتېرلىك ياردەم پۇلىنى تارقاتقاندا ۋە 2022 ـ يىللىق مالىيە خامچوتىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، «تۆۋەن بولماسلىق»نى سىجىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ