گوۋۇيۈەن مائارىپ مۇپەتتىشلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ھۆكۈمەتنىڭ جەزمەن كاپالەتلىك قىلىدىغان چىقىمى قاتارىغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2022.01.11 22:37 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىگىلىنىشىچە، گوۋۇيۈەن مائارىپ مۇپەتتىشلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى ئەسكەرتىش ئالاقىسى ئەۋەتىپ، جايلاردىن مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى ھۆكۈمەتنىڭ جەزمەن كاپالەتلىك قىلىش چىقىمى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ۋە مائاش كىرىمىنى شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ تەمىناتىنى تەڭشەشكە ئەگىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىمى سەۋىيەسىنىڭ شۇ جايدىكى مەمۇرلاردىن تۆۋەن بولماسلىق سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. 2021-يىللىق يىل ئاخىرىدىكى مۇكاپات خاراكتېرلىك ياردەم پۇلى تارقىتىش ۋە 2022-يىللىق مالىيە خامچوتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، «تۆۋەن بولماسلىق» سىياسىتىنى سىجىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ