مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئائىلە مۇلازىمىتى، بالىلارغا ۋاكالىتەن قاراش، ياشانغانلار كۈتۈنۈشى قاتارلىق كەسپىي مائارىپ دەرسلىكلىرىنى ئېچىشنى تېزلىتىش كېرەك

2021.12.14 10:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 13-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئېلان قىلىنغان «14-بەش يىللىق» كەسپىي مائارىپ يىرىك پىلانى دەرسلىك قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسىگە ئاساسەن، 14-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە دۆلەت يىرىك پىلان دەرسلىكىدىن 10 مىڭ خىلنى تۈركۈمگە بۆلۈپ تۈزۈپ چىقىپ، زور بىر تۈركۈم ئۆلكە دەرىجىلىك يىرىك پىلان دەرسلىكلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدىكەن. دەرسلىك قۇرۇلۇشىنى پىلانلاشتا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىس ساھەلەردىكى دەرسلىكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. ياسىمىچىلىق ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، ئائىلە مۇلازىمىتى بويىچە پەرۋىش قىلىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈشى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىغا كەمچىل بولغان ساھەلەردىكى كەسپىي دەرسلىك ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشكە كېرەكلىك كەسپىي دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تەسىس قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. لايىھەدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: دەرسلىك تۈزۈش، تاللاپ ئىشلىتىش، چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى قاتتىق پىلانلاپ، «تۈزۈپ چىقىلغانلىكى ماتېرىيالنى جەزمەن تەكشۈرۈش، تاللانغانلىكى ماتېرىيالنى جەزمەن تەكشۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ھەر يىلى مەزمۇننى جانلىق يېڭىلاش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ