مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كەسپىي تولۇق كۇرس بىلەن ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى ئوخشاش كۈچكە ئىگە

2021.12.09 13:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاينىڭ 9- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا «تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ باكلاۋرلىق ئۇنۋانى بېرىش ۋە ئۇنۋان بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى.

  پىكىردە كەسپىي مەكتەپلەرگە تولۇق كۇرس بويىچە باكلاۋرلىق ئۇنۋانى بېرىش ھوقۇقى بېرىش قاتارلىقلارنىڭ سىياسەت ئاساسى ۋە خىزمەت دائىرىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، كەسپىي تولۇق كۇرس بويىچە باكلاۋرلىق ئۇنۋانى بېرىش ھوقۇقىنى تەستىقلاش ھوقۇقى ۋە ئىلتىماس قىلىش ئاساسىي شەرتى ھەم بېرىش ئۇسۇلى، ئاساسىي تەرتىپى، بېرىش ئۆلچىمى، بېرىش تۈرى، باكلاۋرلىق ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى، ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش ئۇچۇرى توغرىسىدا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئىجرا قىلىش جەھەتتە، ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ۋە كەسپىي تولۇق كۇرسلارنىڭ ھەممىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان نىزامىنى ۋاقىتلىق يولغا قويۇش چارىسى»، «باكلاۋرلىق ئۇنۋانىغا ھوقۇق بېرىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش چارىسى» بويىچە باكلاۋرلىق ئۇنۋانىغا ھوقۇق بېرىش، باشقۇرۇش ۋە سۈپەتنى نازارەت قىلىش كېرەك؛ گۇۋاھنامە ئۈنۈمى جەھەتتە، ئىككىسىنىڭ قىممىتى ئوخشاش بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش، مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشاش كۈچكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ