مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرادىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ۋە ئىجراغا قارشىلىشىشنى قانۇن بويىچە جازالاشتىكى تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلدى

2021.12.02 13:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىجرادىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ۋە ئىجراغا قارشىلىشىشنى قانۇن بويىچە جازالاشقا دائىر سەككىز تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆزىنى قاچۇرۇش، ئىجرا قىلىشقا قارشى تۇرۇش قىلمىشىغا پائال تەشەببۇسكار بولۇپ، دېلوغا قاراپ تەدبىر قوللىنىشتىكى تەجرىبە ـ ئۇسۇللىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى.

  بۇ دېلو مىساللىرى 1 ئەمگەك تالاش-تارتىشىنى ئىجرا قىلىش دېلوسى، 1 جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ تۆلەم دېلوسى، 1 قەرز ماجىراسى، 2 ئەلئارا ئېلىم-بېرىم ماجىراسى، 2 ئېلىم-سېتىم توختامى ماجىراسى، 1 مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختام ماجىراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، گۇڭ XX قاتارلىقلار جۇخەي شەھىرىدىكى مەلۇم يېمەك-ئىچمەك شىركىتى بىلەن بولغان ئەمگەك تالاش-تارتىشىنى ئىجرا قىلىش دېلوسىدا، جۇخەي شەھىرىدىكى مەلۇم يېمەك-ئىچمەك شىركىتى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن بولغان ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغان، خىزمەتچىلەرگە پەقەت 1000 يۈەندىن تۇرمۇش پۇلى تارقىتىپلا ئىشنى تۈگەتمەكچى بولغان. كېيىن سوت مەھكىمىسى بۇ شىركەتنى گۇڭ xx قاتارلىق 48 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ مائاشى ۋە ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى ئۈچۈن جەمئىي 2 مىليون 300 مىڭ يۈەن تۆلىشى كېرەك دەپ ھۆكۈم چىقارغان. ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلغانلىقى ھەمدە مال-مۈلكىنى ئەينەن مەلۇم قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە شىركەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى لى xx نى ئەدلىيە جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىپ قويۇش قارارىنى چىقارغان ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا دەۋالاشقۇچىلارنىڭ يارىشىپ قېلىشىغا تۈرتكە بولغان. 2021-يىلى 5-ئايدا، ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى سوت مەھكىمىسىگە چىقىم قىلغان پۇل كىرىم ئىسچوتىغا 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن چىقىم قىلغان، قالغان 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى ئىككى ئايغا بۆلۈپ چىقىم قىلىپ بولغان.

  يىن X جۈەننىڭ ھۆكۈم ۋە كېسىمنى ئىجرا قىلىشقا قارشى تۇرۇش بىۋاسىتە ئەرز قىلىش دېلوسى جىنايى ئىشلار بويىچە بىۋاسىتە ئەرز قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ جازا ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىشقا دائىر تىپىك دېلو. سوت مەھكىمىسى دېلو ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش، تاراتقۇلار بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، پۈتۈن مۇساپىلىك تۇتۇش قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ شەكىللىرىنى قوللىنىپ، كۈچلۈك ئاممىۋىي پىكىر بېسىم كەيپىياتى شەكىللەندۈردى، بۇ ئىنتايىن كۈچلۈك تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ۋە ئىجتىمائىي تەسىرگە ئىگە بولۇپ، بىر دېلونى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق بىر تۈركۈم كىشىلەرنى تەربىيەلەش، بىر دائىرىگە تەسىر كۆرسىتىشتەك ئىجابىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  لى xx ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىش دېلوسىدىن ئۆزىنى قاچۇرغاندا، سوت مەھكىمىسى ئالاقە تورى سۇپىسى ۋە بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، شىركەتنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان مال-مۈلۈك ۋە مال-مۈلۈك پايدىسىنى چوڭقۇر قېزىپ، دېلوغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، جەمئىيەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان ئىجرا قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنى كۈچلۈك چۆچۈتۈپ، ئۇلارنى مەجبۇرىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئادا قىلىشقا مەجبۇرلاپ، دەۋادا يەڭگەن دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرادىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ۋە ئىجراغا قارشىلىق كۆرسىتىش قىلمىشلىرىنىقانۇن بويىچە جازالاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم دېلولارنى ئىجرا قىلىپ، خەلق ئۈچۈن يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەخسۇس ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ