مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ ھۆججىتى: 2025-يىلى پۇتۇڭخۇانىڭ مەملىكەت بويىچە ئومۇملىشىش نىسبىتى %85 كە يەتكۈزۈلىدۇ!

2021.12.01 11:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى دەۋردىكى تىل-يېزىق ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا«يېڭى دەۋردىكى تىل-يېزىق خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ«پىكىر» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقاتتى. بۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى نامىدا تارقىتىلغان تىل-يېزىق خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشتىكى يېتەكچى ھۆججەت.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى:2025-يىلىغا بارغاندا، پۇتۇڭخۇانىڭ مەملىكەت بويىچە ئومۇملىشىش نىسبىتى %85كە يەتكۈزۈلىدۇ، تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، تىل-يېزىق پەن-تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلىدۇ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر تىل مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان تىل مۇلازىمەت سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش دەرىجىسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش كېرەك. دىققەتنى مىللىي رايونلار، يېزا رايونلىرى ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مىللىي رايونلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش دەرىجىسى ۋە يېزىلارنىڭ پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەكتەپلەرنى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى مائارىپىنىڭ ئاساسىي بازىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئوقۇش-ئوقۇتۇشتا قوللىنىلىدىغان ئاساسىي تىل-يېزىقنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەلىپى قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش تەلىپىنى مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش ۋە تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش، باھالاش قاتارلىق ھالقىلارغا كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل-يېزىقنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى كۆزىتىش ۋە باھالاش ئۆلچىمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت ئايرىم بەلگىلىمە چىقارغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسىنى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدا يېزىش كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، «پىكىر» دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلقئارا خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چەت ئەلدىكى تېخىمۇ كۆپخەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى جۇڭگوغا كېلىپ، خەنزۇ تىلى خەلقئارا مائارىپىغا ئالاقىدار ماگىستىر دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىشقا جەلپ قىلىش، شۇنداقلا دۇنيا ئورتاق تىل سەۋىيەسىنى سىناش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. خەلقئارا خەنزۇ تىلى مائارىپى ئىمتىھان ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەنزۇ تىل-يېزىقىنى چەت ئەللەردىكى خەنزۇ تىل-يېزىقىدىكى مەكتەپلەردە ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، چەت ئەللەردىكى خەنزۇ تىل-يېزىقىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. خەنزۇ تىلىنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى تەسىر كۈچىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى خەنزۇ تىل-يېزىقىدا تۇنجى قېتىم تارقىتىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. جۇڭگوتىل-يېزىقىنىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلار، خەلقئارا يىغىنلاردىكى ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى، شۇنداقلا خەنزۇ تىلى پىنيىنىنىڭ خەلقئارادا قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ