مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ۋېنبىن: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا ئوخشاش ئاشكارا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن

2021.11.08 13:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئاقساراينىڭ مۇئاۋىن ئاخبارات كاتىپى ژان پىئېر مۇنداق دېدى: «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ باش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى جۇڭگونى تېخىمۇ ئاشكارىلاشقا داۋاملىق دەۋەت قىلىدۇ»، بۇنىڭغا قارىتا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 11-ئاينىڭ 5-كۈنى مۇنداق دېدى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئىلمىي، ئوچۇق، ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى ئىلمىي ھەمكارلىققا قاتنىشىپ كەلدى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنى ئىككى قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ مەنبە تەكشۈرۈش تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. جۇڭگو – دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەنبە تەكشۈرۈش بىرلەشمە تەتقىقات دوكلاتىدا نوپۇزلۇق، كەسپىي ۋە ئىلمىي يەكۈن چىقىرىلىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى يەر شارى مىقياسىدا ئىلمىي مەنبە تەكشۈرۈشكە ياخشى ئاساس سالدى.

  «ئامېرىكا تەرەپ پاكىتقا قارىماي، ئىلىم-پەنگە ئەھمىيەت بەرمەي، يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇشنى سىياسىيلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا، ئاخبارات تارمىقىدىن پايدىلىنىپ ئاتالمىش مەنبە تەكشۈرۈشنى كېيىنكى ئورۇنغا قويدى. ئامېرىكىنىڭ سىياسىي مەشغۇلاتى ئۆزىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، ئامېرىكا خەلقىنى ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلەتكۈزدى، شۇنداقلا خەلقئارا يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى ھەمكارلىققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، يەر شارىۋى ئىلىمىي مەنبە تەكشۈرۈشكە ئېغىر كاشىلا قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى» دېدى ۋاڭ ۋېنبىن.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا تەرەپنى سىياسىي مەشغۇلاتنى توختىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ۋە مەنبەنى ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈشتەك توغرا يولغا قايتىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا ئوخشاش ئاشكارا بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن تېزدىن مەنبە تەكشۈرۈش تەتقىقات ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئامېرىكىدىكى ۋىرۇس مەنبەسىگە بولغان مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا قان تەكشۈرۈش مەنبە تۈرىنى توختىتىش توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىش، شۇنداقلا دېترىكبۇرگ بىئولوگىيە تەجرىبىخانىسى ۋە شىمالىي كارولىنا داشۆسىنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەنبە تەكشۈرۈش تەتقىقاتىغا ئېچىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ