مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەكبەرجان رېھىمنىڭ ھەربىي ئىشلار خاتىرىسى

2021.10.22 12:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئايدا، بوران-چاپقۇن چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى تاغلارنى قاپلاپ، ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇشقا باشلىغانىدى؛ تاغ-دەريالارنىڭ ئىچكىرىسىدە، يېڭى ئەسكەرلەر سەپ تۈزۈپ، مەشىق قىزىپ كەتكەنىدى. 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، مەشىقۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، قوراللىق ساقچى قىسىم مەلۇم قىسمىدا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر يېڭى ئەسكەر ئەكبەرجان رېھىم يان تېلېفونىنى ئېلىپ، قەشقەردىكى ئائىلىسىدىكىلەرگە سىنلىق تېلېفوندا مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەردە ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتىمەن، سەپداشلىرىم ھالىمدىن خەۋەر ئالىدۇ، ئۇلار بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتۈۋاتىمىز، خاتىرجەم بولۇڭلار، ئۆزۈمنى ئوبدان چېنىقتۇرىمەن». ئەكبەرجان رېھىم بىلەن ئاپىسى ئامىنە سەيپىدىن سىنلىق كۆرۈشۈپ ئۆزئارا ئەھۋاللاشتى، ئېكراندىكى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ چىرايىدىن خۇشاللىق جىلۋىلەندى.

  بۇ يىل 21 ياشقا كىرگەن ئەكبەرجان رېھىم قەشقەرلىك ئۇيغۇر يىگىت بولۇپ، ھەربىي سەپكە كىرىشتىن ئىلگىرى ئەنخۇي تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنى ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر سىستېمىسى كەسپىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتاتتى. ئەكبەرجان كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ «ئۇشتۇمتۇت ھۇجم» قاتارلىق ھەربىي تېمىدىكى كىنولارنى ياخشى كۆرەتتى، ھەربىي ئىشلار خەۋەرلىرى، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەربىي سەپكە كىرىش ئارزۇسى قەلبىدە بىخ سۈرگەنىدى.

  «بوۋام ھەققانىيەت تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك ساقچى بولۇپ، دائىم ماڭا ئۆزىنىڭ خىزمەت ھاياتىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى، شۇنداقلا مېنىڭ ھەربىي سەپكە كىرىپ، دۆلەت چېگراسىنى قوغدايدىغان ياخشى جەڭچى بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلاتتى». ئەكبەرجاننىڭ بوۋىسى مەمەت ئەمەتنىياز ئىلگىرى قەشقەردە تۈرمە ساقچىسى بولغان، بوۋىسىنىڭ كۈندىلىك سۆز-ھەرىكەتلىرى ئەكبەرجانغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكەن. يەتتە يىل ئىلگىرى، بوۋىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ئەكبەرجانغا قاتتىق تەسىر قىلغان، قەلبىدىكى ئەسكەر بولۇش ئارزۇسى ئاستا-ئاستا ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش قەتئىي ئىرادىسىگە ئايلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەربىي سەپكە كىرىش ئارزۇسى ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى.

  ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىلھام بېرىشى ۋە قوللىشى بىلەن ئەكبەرجاننىڭ ئىمتىھان بېرىپ ھەربىيلىككە قاتنىشىش نىشان ىتېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن.

  كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىسەڭ ئەجرىڭ يەردە قالمايدۇ. 2020-يىلى، ئەكبەرجان قالتىس نەتىجە بىلەن ئەنخۇي تەبىئىي پەنۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئۇ تەنتەربىيەگە پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئاتىغاندىن سىرت، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، مەكتەپ ئۇسسۇل ئەترىتى، ۋاسكېتبول كوماندىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا قاتنىشىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ مەكتەپ ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. كېيىنچە يەنە تۈرلۈك مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، پىدائىيلار پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ، ئوقۇغۇچىلارغائەلا مۇلازىمەت قىلىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىردەك ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدۇ.

  باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، ھەربىي سەپكە قاتنىشىشقا تەشنابۇ يىگىت مەكتەپكە كىرىشى بىلەنلا ئۆزىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىغا ھەربىي سەپكە كىرىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەكبەرجان تىلغا ئېلىنسىلا، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىۋاڭ جۈەن مۇئەللىم ناھايىتى پەخىرلىنىپ مۇنداق دېدى:«ئەكبەرجان رېھىمنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن تۇنجى تەسىرى قىزغىن، ئوچۇق-يورۇق ۋە كۆتۈرەڭگۈلۈك بولۇپ، ئۇ ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇەينەن شەھىرى يېڭى ئەسكەر قوبۇل قىلىشنى باشلىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىشنىڭ ئەڭ يېڭى شەرتلىرىگە دىققەت قىلىپ، قىسىمغا كىرىش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىشقا باشلايدۇ».

  2021-يىلى مەملىكەت بويىچە ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلانغاندىن كېيىن، شۇ جايدا مول مەزمۇنلۇق ئەسكەر قوبۇل قىلىش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشى بىلەن پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئىلغارلار، راكېتا ئارمىيەسىدىكى«ئون ياراملىق ئاۋانگارت ئەسكەر»نىڭ بىرى بولغان خۇەينەنلىك پېشقەدەم ئەسكەر خۇ چاڭلىڭ ئەنخۇي تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىگە كېلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى، ئەكبەرجان ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، قەلبىدىكى «ھەربىي سەپكە كىرىش ئوتى» تېخىمۇ ئەۋج ئالدى. تەرتىپلىك دەم ئېلىش، تۈنىمەسلىك، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، چېنىقىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشنى ئۆزىگە نىشان قىلغان ئەكپەرجاننىڭ سىيماسىنى ھەر كۈنى مەكتەپ يېنىك ئاتلېتكا مەيدانىدا كۆرگىلى بولاتتى. ئەكبەرجان ئەسكەر قوبۇل قىلىش سالامەتلىك تەكشۈرۈش شەرتىگە ئاساسەن، ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش پىلانىنى باشلاپ، ئاخىرىدا سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي جەھەتتىن باھالاش، يېڭى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشتىن بۇرۇنقى مەشىقلەردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، خۇەينەن شەھىرىدىكى ئارمىيە ۋە يەرلىكتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ قىزغىن ئۇزىتىشى ۋە كاپالىتى بىلەن پويىز ئارقىلىق چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىگە ئاتلىنىپ، ھەربىي سەپكە كىرىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

  10-ئاينىڭ 19-كۈنى، چىڭخەيدە قار ئۇچقۇنداپ، سوغۇق شىۋىرغان جاندىن ئۆتەتتى. ئەكبەرجان ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى قاردا ھەربىي مەشىق قىلىپ، قارلىق ئېگىزلىكلەردە ئۆزىنىڭ ھەربىيلىكتىكى ئىزنالىرىنى قالدۇردى. ئەكبەرجان تۇرۇشلۇق يېڭى ئەسكەرلەر ليەنىدىكى پەيجاڭ جاڭ بىن مۇنداق دېدى: مەشق جەريانىدا ئۇ جاپادىن، ھېرىپ-چارچاشتىن قورقمىدى. تۇرمۇشتا، ئۇ يولداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلدى. ئۇنىڭ چوقۇم بىر مۇنەۋۋەر ئىنقىلابىي ھەربىي بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ