مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تىزىملاشتا پايدا ئالماي ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ھەق ئېلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش كېرەك
2021.10.13 12:52 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 12-ئۆكتەبىر مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپ سىرتىدىكى مائارىپ بويىچە تەربىيەلەشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەھكىمىسى يېقىندا مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ «پايدا ئالماسلىق» خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تىزىملاش خىزمىتىنى تاماملاش ۋاقىتىنى ئىگىلەپ، خىزمەتلەرنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ھازىرقى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى پايدا ئالمايدىغان ئاپپاراتقا تىزىملاشتىن بۇرۇن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ھەق ئېلىش خىزمىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشى كېرەك. پايدا ئالمايدىغان ئاپپاراتقا تىزىمغا ئالدۇرمىغان تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتىنى بېكىتىپ، ۋاقتى توشقاندا، مائارىپ تارماقلىرى ئۇلارنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سالاھىيىتىنى قانۇن بويىچە ئاخىرلاشتۇرىدۇ ياكى مەكتەپ باشقۇرۇش مەزمۇنىنى تەڭشەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ