مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شىنجاڭ ياخشى جاي» سىنلىق ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئىرانغا تونۇشتۇرۇلدى

2021.09.16 21:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىران جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھەگە يۈزلىنىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» سىنلىق ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئىراننىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ھەر ساھە ۋەكىللىرى توردا يىغىنغا قاتناشتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن تەبرىك سۆزىدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، تەپسىلىي، ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ «نامىنى بۇلغىغان» رەزىل سۆز-ھەرىكەتلىرىگە رەددىيە بەردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ قىلغانلىرى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت يارىتىش ئۈچۈندۇر. لېكىن يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئەمەلىيىتىگە كۆز يۇمۇپ، قىلچە تۆۋەن چەك يوق، قىلچە ئاساسسىز ھالدا شىنجاڭنىڭ ‹نامىنى بۇلغاپ›، شىنجاڭنى ‹ئالۋاستىلاشتۇرۇپ›، ھەتتا شىنجاڭدا ‹ئىرقىي يوقىتىش جىنايىتى› سادىر قىلىندى، دېگەندەك ئەسىرلىك يالغانچىلىقلارنى توقۇپ چىقتى، بۇ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تۆھمەت قىلىش دىلوسىدۇر.»

  جۇڭگونىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى فۇ لىخۇا تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل دەل جۇڭگو-ئىران دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىغا توغرا كەلدى، قەدىمكى يىپەك يولى جۇڭگو-ئىران دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ تارىخىي گۇۋاھچىسى، ماللىرى مول گۈزەل شىنجاڭ قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم يولى. 13-ئەسىردىلا ئىراننىڭ داڭلىق شائىرى سەئىدى تەسىرلىك شېئىرلىرى ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنى تەسۋىرلىگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈنسېرى كۈچەيدى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ياخشىمۇ-ئەمەسمۇ، بۇنىڭدا شىنجاڭ خەلقى ھەممىدىن بەك سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. پاكىت ئالدىدا، بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ شىنجاڭغا ھۇجۇم قىلىپ قارا چاپلىغان يالغان گەپلىرى بىر پەشۋاغىمۇ يارىمايدۇ.

  شىنجاڭ تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەر، پاختىكارلار، دىنىي زاتلار، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلار قاتارلىق ئامما ۋەكىللىرى سىنلىق ئالاقىلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش كەچۈرمىشىگە بىرلەشتۈرۈپ شىنجاڭدىكى پۇقرالارنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش ئەھۋالىنى جانلىق بايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنىڭ غايەت زور نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى. سىن يىغىنىدا يەنە «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق تەشۋىقات فىلىمى ۋە شۇ جايدىكى ئادەتتىكى ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مىكرو سىن فىلىمى قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ