مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۈگۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ! بۇ بەش خىل ئەھۋال ئېغىرلىتىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ

بۇ ئالتە خىل ئەھۋالنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ

2021.09.02 12:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2 - سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «مائارىپ تەپتىشلىكى بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسى» دە مۇپەتتىش قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئوبيېكتى، مەزمۇنى، ئۇسۇلى ۋە تەرتىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مۇپەتتىش قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مەزمۇنى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئالتە تۈرلۈك ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:  پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى قەتئىي، ئۈزۈل-كېسىل بولماسلىق. مائارىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جايىدا بولماسلىق.

  مائارىپ ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئېغىر دەرىجىدە ئارقىدا قېلىش.

   مەكتەپ باشقۇرۇشى قېلىپلاشماسلىق.

  مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتى تۆۋەنلەش.

   بىخەتەرلىك مەسىلىسى بىر قەدەر كۆپ بولۇش ياكى مائارىپ تەپتىشلىكىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىش.

  «مائارىپ تەپتىشلىكى بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسى»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: تەپتىشلەنگۈچى ئورۇننىڭ مەسئۇل تارمىقى تەپتىشلەنگۈچى ئورۇننىڭ تۈزىتىش پىكرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى، تۈزىتىشى كۆرۈنەرلىك بولمىسا تۇتاش جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  پاش قىلغۇچى ۋە مائارىپ مۇپەتتىشى قاتارلىق كىشىلەرگە زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىش قاتارلىق بەش خىل ئەھۋال

  ئېغىرلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشتىن باشقا، «مائارىپ تەپتىشلىكى بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسى» دە ئېغىرلىتىپ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالى كۆرسىتىلگەن. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئېغىرلىتىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك:

   ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، مائارىپ تەپتىشلىكى خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش، كاشىلا قىلىش ياكى ماسلاشماسلىق.

   پاش قىلغۇچى ۋە شىكايەت قىلغۇچى، مۇپەتتىشلەر ۋە مائارىپ تەپتىشلىكى ئاپپاراتلىرىدىكى خادىملارغا تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇش ياكى زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىش.

  جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يەنىلا خاتالىقنى تۈزەتمەسلىك ياكى تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك. بىر يىل ئىچىدە مائارىپ مۇپەتتىشلىكى تەرىپىدىن ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۈش.

   بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە ئېغىرلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك باشقا ئەھۋاللار.

  نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مۇپەتتىشىدىن 147 مىڭى بار. مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت مائارىپ مۇپەتتىشلىرىدىن مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرۇق نامغا ئېسىلىۋالماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ