مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاغرىق نۇقتىسىنى باشتىن كەچۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى مەسىلىنى ھەل قىلىشتا

2021.05.11 19:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى تاماق توشۇپ 12 سائەتتە 41 يۈەن تاپقان»دىن كېيىن، بېيجىڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىنىڭ «‹ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن› پائالىيىتىنىڭ ئىدارە باشلىقى تەرتىپ بويىچە بېجىرىش» يۈرۈشلۈك ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا دىققەت پېنسىيەگە چىقىش تەرتىپىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يەنە بىر قېتىم جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى.

  قارىماققا ئادەتتىكىچە بولغان پىنسىيەگە چىقىش تەرتىپى بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىكى باشقارما باشلىقلىرىغا «پىنسىيەگە چىقىش تەس بولۇش»تەك خەلق تۇرمۇشىدىكى ئازابنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. ئون كۈنگە يېقىن ئالدىراش چېپىپ يۈرۈش ئارقىلىق، نۇرغۇن يىپ ئۇچى ئۈزلۈكسىز دەلىللەندى ۋە ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئون نەچچە ئورۇن ۋە تارماق بىلەن ئالاقە قىلىندى، نەچچە يۈز قېتىم تېلېفون قىلىپ ئىسپات تەلەپ قىلىندى، مەسلىھەت سورالدى، بۇنىڭ ھەممىسى پەقەتلا شەھەر ئاھالىسى لاۋ جاڭنىڭ ئارخىپىدا كەم قالغان كەچۈرمىشلىرىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئىدى، بۇ ئۇنىڭ خىزمەت ئىستاژىنى بېكىتىشىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەگەر تاپالمىسا ھەر ئايدا نەچچە يۈز يۈەن كۈتۈنۈش پۇلى زىيان بولاتتى. بۇ مەزگىلدە، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى لى چېڭ ئۈچ سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۇزۇن يىللار ساقلىنىپ سارغىيىپ چۈرۈكلىشىپ كەتكەن 70 پارچە ئارخىپ ئىچىدىن 3000 بەتكە يېقىن ماتېرىيالنى كۆرۈپ، پۇقرالارنىڭ ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى ئىزدىشىنىڭ قىيىنلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى. شەھەر ئاھالىسى لاۋ جاڭ پېنسىيەگە چىقىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن، ئىككى نەپەر ئىدارە باشلىقى ئاخىرى ئۇنىڭ كادىرلار ئارخىپىدىكى «بوشلۇق»نى تولدۇرۇپ بېرىپ، ئۇنى پېنسىيە پۇلىنى ۋاقتىدا تولۇق ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  بىۋاسىتە ھېس قىلىش، تەرتىپ بويىچە بېجىرىش − مەقسەت ئەمەس، دىققەتنى «ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش»كە قويۇپ، ئەمەلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى بايقاش، مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، بىر قېتىم ھېس قىلىش مەسىلىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى بايقاشقا يەتمەيدۇ، شۇنداقلا بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەن مەڭگۈ راھەت كۆرۈشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەسىلىنى ئېلىپ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆز قەدەملىرى بىلەن بىرىنچى سەپنى ئۆلچەپ، ئاممىدىن ئېلىپ، ئاممىغا قايتۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن ھەقىقىي تۈردە جىددىي، قىيىن، غەم-ئەندىشىدە بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا موھتاج.

  ئامما ئاغرىق نۇقتىسىنىڭ «نەزەرگە ئىلىنىشى»نى، توسۇلۇش نۇقتىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەتراپىمىزدىكى تېخىمۇ كۆپ «لى باشقارما باشلىقى»نىڭ مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ، مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشىنىڭ ئارقىسىدىكى كەڭ خەلق رايىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ