مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلار شەكىلۋازلىق سەۋەبلىك توسۇلۇپ قالمىسۇن

2021.05.08 20:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش پونكىتى ئۇزاق مۇددەت «قاتتىق ئۇيقۇ»غا كەتكەچكە، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزى سالغان ھاجەتخانىنى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالماي قالدى −− خېنەن ئۆلكىسى سەنمېنشيا شەھىرىدىكى ئىككى «مۇنەۋۋەر ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى»نىڭ ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى ئەمەلىيەتتە ئايرىم ئەھۋال ئەمەس. بەزى جايلاردا يېزىلارنىڭ پاسكىنا سۇلىرىنى تۈزەشتە، قۇرۇلۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، باشقۇرۇشقا سەل قارىلىپ، پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى ئۇزاققىچە بىكار تۇرۇپ قالغانلىقتىن، بەزى يېزا ھاجەتخانىلىرىنىڭ سىرتقى يۈزى چىرايلىق بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىشلەتكىلى بولماي، زىننەت بۇيۇمىغا ئايلىنىپ قالدى.

  قارىماققا چىرايلىق، لېكىن كارغا كەلمەسلىك تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا يەنىلا شەكىلۋازلىقنىڭ كاساپىتىدىن بولغان. يېزىلاردىكى توسۇلۇپ قالغان ھاجەتخانىلارنى راۋانلاشتۇرۇشتا، چوقۇم «سېلىپ قويۇپ كارى بولماسلىق»تەك روھىي ھالەت ۋە ئۇسۇلنى تۈگىتىپ، «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» توسالغۇنى تۈگىتىپ، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ