مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش ۋاقتىنى قانداق تەڭشىگەندە ھەممەيلەننى رازى قىلغىلى بولىدۇ؟

2021.04.27 19:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل «1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئارام ئېلىش كۈنىنى تەڭشەپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، ئالدى-كەينىدىكى ئىككى ھەپتىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتى قىسقارتىلىپ، ھازىرقى بەش كۈنلۈك دەم ئېلىش لايىھەسىگە ئايلاندى.

  لېكىن، بۇ خىل «ئەپلەپ-سەپلەپ» چىقىرىلغان دەم ئېلىشقا قارىتا، نۇرغۇن كىشىلەر قاخشاپ: نورمال تۇرمۇش ۋە خىزمەت رىتىمىغا تەسىر يەتكۈزدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەخمىنەن ئالدى-كەينىدىكى ئىككى ھەپتە ئاخىرىنى نابۇت قىلدى، پايدا زىيانغا دال بولمىدى، دېيىشتى.

  رېئال مەسىلە شۇكى، بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىل «ئەپلەپ-سەپلەپ» چىقىرىلغان دەم ئېلىش بارغانسېرى خۇددى «تۆكەي دېسەم ئىسسىت ئېشىم، ئىچەي دېسەم سېسىق ئېشىم» دېگەندەك بولۇپ، ساياھەتكە چىققانلار ئادەم دېڭىزىغا قاپسىلىپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن چارچاپ كېتىدۇ؛ ئۆيدە دەم ئالغانلار، ئۇدا نەچچە كۈن دەم ئالغاندىن كېيىن، يەنە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئارقىلىق ئالغان ئارامنى «قايتۇرۇپ بېرىدۇ»، ئۇنىڭدىن كۆرە نورمال خىزمەت قىلىپ، نورمال دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەن ياخشى.

  بۇنداق ئىجتىمائىي كەيپىيات ئارقىلىق بىز «قارشى پىكىر»نىڭ ئارقىسىدىكى كېسەل نۇقتىسىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاممىنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دەم ئېلىشنىڭ ئىقتىدارى ۋە رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  ھالقىلىق تەدبىر شۇكى، مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ سەپەرگە چىقىش ئەركىنلىكى ۋە بوشلۇقى يارىتىپ بېرىپ، ساياھەت، دەم ئېلىشنى تېخىمۇ ئۆز ئالدىغا ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، دۆلەت بايرىمى، «1-ماي» دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى سەپەرگە چىقىش بېسىمىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، دەم ئېلىشنىڭ، بولۇپمۇ ئۇزاق دەم ئېلىشنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرگەندىلا، كىشىلەر ئاندىن دەم ئېلىشنىڭ «ئەپلەپ-سەپلەپ» چىقىرىلغان-چىقىرىلمىغانلىقى ئۈستىدە ئىككىلىنىپ يۈرمەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ