مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تېرىلغۇ يەرگە دەرەخ تىكسە، كېيىنچە دەرەخ يوپۇرمىقى يەمدۇق؟

2021.04.26 19:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خېبېينىڭ مەلۇم يېرىدىكى نەچچە يۈز مو بۇغدايلىق ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىن، بىر شىركەتنىڭ كۆچەت تىكىشىگە مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت بۇ ئىشنى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شەھەر ئەتراپىنى كۆكەرتىش ئۈچۈن، دېگەن.

  تېرىلغۇ يەرلەر كۆچەت تىكىشكە ئىشلىتىلسە، كېيىنچە دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى يەمدۇق؟ بۇنداق غەلىتە ئىشنىڭ يۈز بېرىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب شۇكى، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاچارچىلىق يىراق ئەسلىمىگە ئايلىنىپ قالغاندەك قىلىدۇ. ئىسرائىلىيەلىك تارىخشۇناس خارارى «كەلگۈسىنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابىدا، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە ئۇرۇش ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى چوڭ ئاپەت بولۇپ كەلدى، دەپ يازغان ئىدى. لېكىن ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا ئىنسانلار بۇ ئۈچ چوڭ قىيىن مەسىلىگە تاقابىل تۇرالايدىغاندەك قىلاتتى. بەزى كىشىلەر بەك ياخشى يېيىش، بەك كۆپ يېيىشتىن كېلىپ چىققان «دۆلەتمەنلىك كېسىلى»گە گىرىپتار بولغاندا، ئاشلىق بىخەتەرلىكى بەزى كىشىلەر تەرىپىدىن بىر چەتكە قايرىپ قويۇلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىشنىڭ پايدىسى تۆۋەن، باشقا ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولغانلىقتىن ياكى بەزى تېرىلغۇ يەرلەر شەھەر ئەتراپىدا بولغانلىقتىن، مەنپەئەتنىڭ تۈرتكىسىدە تېرىلغۇ يەرلەر بەزى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى تاڭ سېڭنىڭ گۆشىگە ئايلىنىپ قالماقتا.

  نامراتلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، قورسىقى تويۇش، كىيىمى پۈتۈن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتە پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككۈدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسى بار چوڭ دۆلىتىمىز نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئاشلىقتىن ئۇدا 17 يىل مول ھوسۇل ئالدى. 1974-يىلى 1-قېتىملىق دۇنيا ئاشلىق يىغىنى ئېچىلغاندا، ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرى خۇددى دۇنيا ھالاك بولىدىغاندەك بىشارەتنى ئاڭلىغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بەزى مۇتەخەسسىسلەر: جۇڭگو ھەرگىزمۇ ئۆزىنى باقالمايدۇ، نوپۇسى كۆپ بۇ دۆلەت بالايىئاپەتكە يۈزلىنىۋاتىدۇ، دېگەن ئىدى. بۈگۈنگە قەدەر، ئېلىمىزنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق مىقدارى 470 كىلوگىرامدىن ئېشىپ، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن، شۇنداقلا خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان 400 كىلوگىرام ئاشلىق بىخەتەرلىك سىزىقىدىن ئېشىپ كەتتى.

  لېكىن، بۇلتۇر تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىدى، ئېغىر بەدەل بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئىنسانلارنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار خىرىسلار يىراقلاشقىنى يوق، بىزدە خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ-خەتەرنى ئويلايدىغان كۈلپەت ئېڭى بولۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە بايلىق، مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئېلىمىزدە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئېھتىياج داۋاملىق جىددىي تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇرىدۇ. بۇ ئىككى يىلدا، بەزى دۆلەتلەردە قورۇقچىلىق باش كۆتۈرۈپ قالدى، ئاشلىق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يەر شارى بويىچە تەقسىملەشنىڭ ئېنىقسىزلىقى كۆپەيدى. يۇقۇم ئاستىدا، بەزى دۆلەتلەر يەنە ئاشلىق ئېكسپورتىنى چەكلەشكە باشلىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، بىز ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دانلىق زىرائەتلەر بىلەن ئۆزىمىزنى ئاساسىي جەھەتتىن تەمىنلەشكە، ئوزۇقلۇق ئاشلىقىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. بۇ مەسىلىدە قىلچە بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ