مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ پەقەت 45 يۈەننىڭلا ئىشىمۇ؟

2021.04.26 18:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12345 مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى خەلققە قولايلىق يارىتىش قىزىق نۇقتىسى يەنە «شەھەر باشلىقى قىزىق لىنىيەسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ مەخسۇس قىزىق لىنىيە ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى. ئاممىنىڭ مۇۋاپىق تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىشتىكى بىر يول بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ كۆپچىلىككە نۇرغۇن ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەردى. لېكىن خېنەن شىنشياڭلىق ليۇ خانىم شۇ سەۋەبتىن ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىدى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ليۇ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۇ شەھەر باشلىقى قىزىق لىنىيەسىگە دوختۇرخانىنىڭ ھەقنى ئارتۇق ئېلىش مەسىلىسىنى ئىنكاس قىلغان بولۇپ، ئىككى كۈندىن كېيىن قايتا زىيارەت قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان. تېلېفوندا، تېلېفونىست ئۇنىڭ مەسىلىسىنىڭ ھەل بولغان-بولمىغانلىقىنى سورىغاندا، ليۇ خانىم ھەل بولمىغانلىقىنى ئېيتقان، قارشى تەرەپ «بولىدۇ، بىلدىم» دەپ جاۋاب بەرگەن. خوش دەپ بولغاندىن كېيىن، تېلېفونىست تېلېفوننى قويۇۋېتىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن ليۇ خانىم ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىپ: «نومۇسسىز، 45 يۈەن ئۈچۈن ئۈچ قېتىم تېلېفون قىلدى» دېگەن. بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنشياڭ شەھەرلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ئىشخانىسى بۇ ئىش توغرىسىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ليۇ خانىم ئۈنگە ئالغان ئىشنىڭ راست ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىشنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇ پەقەت 45 يۈەننىڭلا ئىشىمۇ؟

  تېلېفونىست تېلېفوننى قويۇۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن پەيدا بولغان بۇ «خاتالىق»نى پۇقرالار ئاڭلىغاندا، كۆڭلى قاتتىق سوۋۇپ كېتىدۇ.

  پۇقرالارنىڭ ئىشى بولسا 12345 نى ئىزدىشى ھۆكۈمەتكە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈندۇر. خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىماسلىق كېرەك. 45 يۈەن بۇ تېلېفونىستنىڭ نەزىرىدە «ئازغىنە پۇل» بولسىمۇ، لېكىن ليۇ خانىم ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنىڭ ئارقىسىدا دوختۇرخانىنىڭ باشقۇرۇشى قالايمىقان بولۇش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن.

  45 يۈەن ئۈچۈن، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۈچ قېتىم تېلېفون ئۇرۇپمۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمىغانلىقىنىڭ ئۆزى مەسىلە بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن، تېلېفون ئۇرغان ئاممىنى «ئاۋارىچىلىق تېپىۋاتىدۇ» دەپ قاراش، خىزمەت ئورنىدا تۇرۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىقتەك مەسلىلىلەرنى قاتتىق تۈزىتىش لازىم.

  بۈگۈنكى كۈندە پۇقرالار ئىش بېجىرگىلى بارغاندا، «مۇز چىراي» خىزمەتچى خادىملارغا يولۇقۇشى راستىنلا ئازايدى، لېكىن «ئىللىق چىراي»، ئەمما ئىش بېجىرمەيدىغان «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ئىستىلىدىن ئىبارەت بۇ خىل ھادىسە قەيەردە يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر تۈزىتىش كېرەك! كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش زۆرۈر بولغاندىن باشقا، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېڭىنى ھەر ۋاقىت كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.

  ئەگەر خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان «قەلب» بولمىسا، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان «ئورۇن»نى ئىگىلەشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ 12345 قىزىق لىنىيەسى ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىپ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تۇتاشتۇرىدىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئاممىنىڭ «قەلب كۆۋرۈكى» دەپ ئاتىلىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى، توغرا ئادەمگە توغرا ئىشنى قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن بۇ «كۆۋرۈك»نى تۈز ھەم مۇقىم قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ