مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاساسىي قاتلامدىكى «سۆرەلمە چولپانلار»نىڭ كىچىك ماجىرانى سۆرەپ چوڭ زىددىيەتكە ئايلاندۇرۇپ قويۇشىغا يول قويماسلىق لازىم

2021.04.25 18:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر ھەر قايسى جايلارنى زىيارەت قىلغاندا، «بىر نەچچە يىل، ھەتتا ئون نەچچە يىل كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتكەن» بەزى ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىدى. بۇ «يېشىلمىگەن دېلو»لارنىڭ كەينىدە ئادەتتە «سۆرەلمە چولپانلار»نىڭ سايىسى بار. «سۆرەلمە چولپانلار» دېگىنىمىز، ئاممىنىڭ ئىشىنى بېجىرىشتە سۆرەلمىلىك قىلىدىغان، بىر-بىرىگە ئىتتىرىشىپ قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالمايدىغان، قىلىدىغاننى قىلمايدىغان كادىرلارغا قارىتىلغان چاقچاق نامى بولۇپ، بۇ سۆزدە ئامالسىزلىق ھېسسىياتى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى «سۆرەلمە چولپانلار»نىڭ يوشۇرۇنغان جايلىرىنى ئۈزلۈكسىز قىسقارتقان بولسىمۇ، لېكىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتى ۋە كۆزىتىشىدىن قارىغاندا، مەيلى شەرقىي قىسىمدىكى چوڭ شەھەرلەر بولسۇن ياكى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى كىچىك شەھەر-بازارلار بولسۇن، «سۆرەلمە چولپانلار» ھامان كارخانىلارغا، خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان ساھەلەردە پەيدا بولماقتا.

  «سۆرەلمە چولپانلار»نىڭ كەينىدە مەنپەئەت بار. «سۆرەلمە چولپانلار»دىن ھامان «يەۋېلىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش»نىڭ سايىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بەزى كادىرلار «ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش»تەك يامان ئامالنى ئويلاپ، سۆرەلمىلىك قىلىش ئارقىلىق باشلانمىغان تۈرنىڭ شۇ پېتىچە قېلىشىنى، باشلانغان قۇرۇلۇشنىڭ ئاخىرىنىڭ چالا تاشلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان ئۇسۇلى «ئالدىراش بولۇش»، «يوقاپ كېتىش»تىن ئىبارەت. بۇ خىل ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بەزى كارخانىچىلار ھەتتا «دەرەخ تۈۋىدە توشقان كۈتۈپ تۇرۇش»، «ئۇياقتىن شەپە بېرىپ قويۇپ، بۇياقتىن زەربە بېرىش» ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈپ، «سۆرەلمە چولپانلار»نى مەخسۇس توسۇپ، ئۇلاردىن ئىمزا قويۇشنى ئۆتۈندى.

  ئەلۋەتتە، بەزى «سۆرەلمە چولپانلار» ئىقتىدار ۋەھىمىسى سەۋەبلىك سۆرەلمىلىك قىلىدۇ. ئىسلاھات تېزلىتىلگەن، جەمئىيەت تىپ ئۆزگەرتىۋاتقان مەزگىلدە، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ كادىرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىغا بولغان تەلىپى بارغانسېرى يۇقىرىلاپ، بەزى كادىرلار خالىي جايدا ئۆزلىرىنىڭ «بارغانسېرى ئىشلىيەلمەيدىغان، قانداق قىلىشنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقى»دىن ئاغرىنماقتا. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، ئۇلار قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلىمەستىن، بەلكى ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇش، پېنسىيەگە چىققۇچە بەرداشلىق بېرىپ، خاتىرجەم بولۇشنى ئويلايدۇ.

  «سۆرەلمە چولپانلار»نىڭ ماھىيىتى بىر خىل بىيۇروكراتلىق، شەكىلۋازلىقتۇر. ئاساسىي قاتلامدىكىلەر ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تۈركۈم تىپىك دېلولارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چۆچۈتۈش رولىنى ئوينىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئالاقىدار تارماقلارمۇ سەمىگە سالماي، قەرەلسىز يوشۇرۇن ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنمىغان بەزى دېلولارغا ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا ئىشەنچ ئاتا قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ