مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىدىيەۋى يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش−−

يۇقىرى ئۆلچەم ۋە يۇقىرى سۈپەتتە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش لازىم

2021.04.15 19:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شەكىل ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ پارتىيە تارىخى بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش ۋە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە ۋە ئۈنۈمىنى داۋاملىق تۈردە خىزمەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئۈنۈمىگە ئايلاندۇردى.

  كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىدىيەۋى يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى ئۆلچەم ۋە يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشتىكى بۇ تەربىيەدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ بىرتۇتاش پىلانلاپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجە ۋە ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، كومىتېت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سەپەرۋەر قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ قايتا ئاتلىنىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، كېلىش يولىنى ئۇنتۇماي، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ۋە مەڭگۈ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىشقا ئىرادە باغلاشتەك تارىخىي سەگەكلىكنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «نېمىنى ئۆگىنىش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋە زور نەزەرىيە نەتىجىلىرى، پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش داۋامىدا تاۋلانغان ئۇلۇغ روھى، پارتىيەنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھاتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرى قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلارنى سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، تارىخنى ئۆگىنىش ئارقىلىق نەزەرىيەنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەخلاقنى قەدىرلەش ۋە تارىخنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «قانداق ئۆگىنىش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي يېتەكچىلىكنى ۋە سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە تارىخىدىن قوبۇل قىلغان مول ئوزۇقلۇقنى سادىقلىق بىلەن ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتىكى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكلىگەن مۇھىم ۋە زور بۇرچنى قەتئىي ياخشى تاماملاش كېرەك.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، تارىخنى ئۆگىنىش ئارقىلىق نەزەرىيەنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى؛ تارىخنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشەنچنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق شانلىق كۈرەش مۇساپىسىنى ئەستە چوڭقۇر، چىڭ ساقلىدى؛ تارىخنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەخلاقنى قەدىرلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئەدلىيە ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ قانات يايدۇردى؛ تارىخنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى، قوشۇننى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈردى.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى ۋە تەپتىش خادىملىرىدىن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق شى جىنپىڭنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى كۈندىلىك تەپتىش خىزمىتىگە ھەقىقىي سىڭدۈرۈپ، تەپتىشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى بىلەن تەپتىش تۈزۈمىنىڭ تەبىئىي ۋە زىچ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمى، قانۇن تۈزۈمى ۋە تەپتىش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنىڭ «قىزىل گېن»ىنى چىڭىتىپ، باشتىن-ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇردى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش نەتىجىسى ئارقىلىق ئۆگىنىشنىڭ تەربىيە ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ، سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئۆگىنىش ۋە تەربىيە كۇرسىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دىپلوماتىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى ئىگىلەپ، دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە ھازىرقى جۇڭگو تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورۇننى ئېنىق تونۇپ، تاشقى خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسىنى كۈچەپ ياخشى سۆزلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىشى، قوللىشى ۋە تونۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك.

  مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، مەركىزىي كومىتېت تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورگانلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رەھبىرىي كادىرلار ئۈلگە بولۇپ ۋە ئالدىدا مېڭىپ، «بىر ئىش ئورنىدىكى قوش مەسئۇلىيەت»نى چىڭىتىپ، ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئىگىلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  تارىخىي تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى خىزمەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋە مەركىزىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى «ئىككىنى قوغداش»نىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇردى. ج خ مىنىستىرلىقى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى ئاممىنىڭ «جىددىي-قىيىن ئىشلىرى ۋە غەم-ئەندىشىلىرى»نى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ئەمەلىي ئىش قىلىش» تىزىملىكى تۇرغۇزۇش ھەم ئىز قوغلاپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئەڭ بىۋاسىتە رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

  ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى. مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى؛ ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئادەم تەربىيەلەشنىڭ خىزمەت زەنجىرىگە ئۈنۈملۈك كىرگۈزۈپ، ئىتتىپاق ئەزالىرىنى يېتەكلەپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ غايە-ئېتىقادىنى چىڭىتىشىغا تۈرتكە بولدى؛ مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى قىزىل بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاياللار بىرلەشمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدا ئالاھىدىلىكى روشەن ۋە شەكلى كۆپ خىل بولغان ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى.

  جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار مۇناسىپ رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە خىزمەت ئاپپاراتى قۇرۇش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار ئارىسىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى دولقۇنى قوزغىدى.

  شەكىل ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش

  جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار مول قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، نەق مەيداننى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىش، قىزىل ھېكايىلەرنى چۈشەندۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كاللىغا ۋە قەلبكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شاۋشەن شەھىرىدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، يولداش ماۋ زېدۇڭ خاتىرە سارىيى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شاۋشەن ئالاھىدە ياچېيكىسىنىڭ تارىخ كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، تارىخنى ۋە ئەسلىي مەقسەتنى ئەسلەپ ئۆتتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، ئەمەلىي خىزمەتنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدار ۋە سەۋىيەنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردە چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايونغا تۆھپە قوشۇش كېرەك. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى توغرا تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، دۆلەت قارىشى ۋە مەدەنىيەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدى. شىنجاڭ قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ قازاق مىللىي يېزىسى تەشكىللىگەن ئات ئۈستى تەشۋىقات ئەترىتى چارۋىچىلىق رايونلىرىغا بېرىپ، پارتىيە تارىخى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇردى. چارۋىچى ئانىيارداۋۇتنىڭ ئۆيىدە، خۇش پۇراقلىق ئەتكەن چاي كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ، ئات ئۈستىدىكى تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ ئەزاسى سادەتخان ئازىمبېكنىڭ قىزىل ھېكايىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.

  جېجياڭ ئۆلكىسى چۈجوۋ شەھىرى چۈجياڭ رايونى «قىزىل قاينام-تاشقىنلىق يىللار» تېمىسىدىكى يۈز مەيدان پارتىيە تارىخى يۈرۈشلۈك تەشۋىقات پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، پارتىيە تارىخى تەشۋىقات دولقۇنىنى قوزغىدى. خېنەن ئۆلكىسى لىنجوۋ شەھەرلىك پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەركەزلىك ئۆگىنىش، قىزىل بايراق ئۆستىڭىدە قايتا مېڭىش، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى. خۇنەن-خۇبېي غەربىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ جيەنشى ناھىيەسى قىزىل بايلىقنى تولۇق قېزىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قاتارلىق قىزىل تەربىيە بازىسىغا تايىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى. خەينەن ئۆلكىسى چيۇڭيا ئىنقىلابىي كۈرىشىنىڭ ھېكايىسىنى تولۇق قېزىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ جانلىق دەرسلىكى قىلدى. گۇيجوۋ ئۆلكىسى زۇنيى شەھىرى زۇنيى يىغىنى كۆرگەزمىخانىسى، قىزىل ئارمىيە باش سىياسىي بۆلۈمىنىڭ كونا ئورنى قاتارلىق ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى بازىسى ۋە پارتىيە تارىخى تەربىيەسى بازىسى قاتارلىق مول قىزىل بايلىقلارغا تايىنىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشقا تەربىيەلىدى ۋە يېتەكلىدى.

  سىچۈەن چاڭجېڭ كادىرلار شۆيۈەنى يائەن جياجىنشەن شۆبە شۆيۈەنى قىزىل گېننى ھېس قىلىش شەكلىدىكى ئوقۇتۇشتىن پايدىلىنىپ، پارتىيە تارىخى دەرسىنى ئىنقىلابىي ئەسلىي جايغا «كۆچۈرۈپ»، كۇرسانتلارغا قىزىل ئىزنى قوغلىشىش داۋامىدا پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى ھېس قىلدۇردى. لېشەن شەھىرى جىڭيەن ناھىيەسىدىكى ياش كادىر، كۇرسانت لى لەنيىڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش بىزگە بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇردى.

  جايلار يەنە شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، كۆپچىلىك ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە تارىخى بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى جانلاندۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىشى، جايىدا ئۆگىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئەتىگەندە، خېبېي ئۆلكىسى سەنخې شەھىرىدىكى جېرۈي كىتاب ئۆيىنىڭ ئۈچ قەۋەتلىك پائالىيەت مەركىزى قىزىپ كەتتى... قىزىل ئوقۇشلۇق رايونىدا پارتىيە تارىخى تۈرىدىكى كىتابلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. مەھەللە ئاھالىلىرى، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە تارىخى ھېكايىسىنى ئاڭلاپ، قىزىل سەپەرنى باشلىدى. سەنخې شەھىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش قىزىل كىتاب ئۆيى» ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى بەرپا قىلىپ، «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش قىزىل دەرسخانىسى» تەسىس قىلىپ، ئاممىباب تىل ۋە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشلار ئارقىلىق قىزىل روھنى تارقاتتى.

  سەنشى ئۆلكىلىك مەدەنىيەت-ساياھەت نازارىتى دىققەتنى قىزىل باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «خۇاڭخې دەرياسى، سەددىچىن سېپىلى، تەيخاڭشەننى كۈيلەش» خورى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، «100 يىللىق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش بويىچە يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنايلى» دېگەن سەككىز قىزىل ساياھەت ئېسىل لىنىيەسىنى يولغا قويدى؛ ئەنخۇي ئۆلكىسى گۇاڭدې شەھىرى ياش تەشۋىقاتچىلارنى پارتىيە تارىخى تەشۋىقات-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، «مېڭىۋاتقان قىزىل دەرسخانا» قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمەت تۈرلىرىگە تايىنىپ، ئۆز جايىدىكى ئىنقىلابىي خارابە ۋە خاتىرە سارىيىغا بىرلەشتۈرۈپ ئېسىل قىزىل لىنىيە بەرپا قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئوچۇق دەرسى ئۆتتى.

  كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى لەنجۇ شەھەرلىك كومىتېتى «ياشلار پارتىيە تارىخىنى ياخشى سۆزلەش»نى قانات يايدۇرۇپ، سەرخىل ياش لېكتورلار قوشۇنى قۇرۇپ، «كىچىك ھەم سەرخىل بولۇش» تەشۋىقات شەكلىنى قوللىنىپ ياشلارنىڭ يېنىغا، پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنىڭ يېنىغا بېرىپ، يېزا، مەھەللە، دوختۇرخانا، مەكتەپ قاتارلىق جايلارغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى قاراتمىلىق سۆزلىدى.

  شىزاڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى لاسا چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى توردا ۋە تور سىرتىدا تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگەندى. خەلق ساقچىلىرى توردا «پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى 100 ھېكايە»نى مەركەزلىك ئۆگەندى، يەنە تەن گۇەنسەن خاتىرە باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ۋەزىپە ئىجرا قىلىش بىرىنچى ئەترىتىنىڭ ساقچىسى مىما سىرېن مۇنداق دېدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش بىر قېتىملىق روھىي سىناق، بىز غايە-ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، ئىش بېجىرىش قىزغىنلىقىمىزنى ئۇرغۇتتۇق.

  «ئۆگىنىش» بىلەن «ئىشلىتىش»نى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، «ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى ياخشى قانات يايدۇرۇلدى

  خەلق ئۈچۈن ياشاش، خەلق ئۈچۈن گۈللىنىش، باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن بىللە بولۇش، خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى تۈپ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى.

  جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، ئەمەلىيەتكە سېلىشتۇرۇش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇردى.

  بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى «يىللىق ئۈچ ئىش»قا سىڭدۈرۈپ، مەۋقەنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى باشلاش ھەم بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىشقا قويۇپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتتى. چاۋياڭ رايونى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ يىل نۇقتىلىق ھالدا دىققەتنى «دەۋانى قوبۇل قىلىش، دەرھال بېجىرىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ دەۋا تەلىپى كۆپ، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ بولغان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.

  تاڭشەن-باۋدىڭ تۆمۈريولىدىكى تاغ-داۋانلار ئارىسىدا، سېخ پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ جۈننىڭ يېتەكچىلىكىدە، 95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان بىر توپ لىنىيە ئىشچىلىرى سوغۇق شامالغا قارىماي، لىنىيەلەرنى تەكشۈرۈش، رېلىس ئاساسىنى ئاسراش بىلەن ئالدىراش ئىدى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، سېخ ياشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، پېشقەدەم يولداشلارنى ئىش رايونىغا كېلىپ بېيجىڭ-سۈييۈەن تۆمۈريول ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئاشۇ قاينام-تاشقىنلىققا تولغان يىللىرىنى بايان قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ياش پارتىيە ئەزالىرىغا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىخەتەرلىك، خاتىرجەملىك يولىنى ياخشى ساقلاش توغرىسىدا تەربىيە بەردى.

  پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، چىڭخەي ئۆلكىسى جيۇجى ناھىيەسى پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت ئەترىتى، پارتىيە ئەزالىرىنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، پارتىيە ئەزالىرى ئۈلگە كۆرسىتىش ئىش ئورنى قاتارلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇردى. جيۇجى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سۇڭ جىجېن مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى جەريانىدا ئۇرغۇتۇلغان ئېتىقاد، ئىشەنچ ۋە قىزغىنلىقنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى شىزۈيشەن شەھىرى خۇينۇڭ رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى زالىدا ياردەمچى ساقچى ليۇ رۈيپىڭ ئاھالىلەر ئۈچۈن كەسىپ بېجىرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئۇ ئامما ئېلىپ كەلگەن لەۋھەنى تاپشۇرۇۋېلىپ مۇنداق دېدى: ئاممىغا پائال ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەرسە، ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن. مەن داۋاملىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى خىزمەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن.

  تارىخنى چۈشەنگەندىلا يىراقنى كۆرگىلى، تارىخنى چۈشەنگەندىلا يىراققا بارغىلى بولىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ياخشى ئۆگىنىش ئىستىلى بىلەن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى سىنايدىغان «سىناق تېشى» قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش روھىي قىياپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىنى ئۆستۈرمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ