باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەزا جاڭ خەيدى ئېغىر مېيىپلەرنى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش لازىم، دېدى

2019.03.11 16:36   مەنبە: خەلق تورى

ئەزا جاڭ خەيدى ئېغىر مېيىپلەرنى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش لازىم، دېدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەزا جاڭ خەيدى 10-مارت سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى يوق، ئۇلار ئەڭ قىيىن ھالەتتە بولۇپ، ياردەمگە ئەڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەردۇر، بىز ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ئازابىنى يېنىكلىتىشىمىز، ئائىلىلەرنىڭ ئەمگەك كۈچىنى ئازاد قىلىپ، ئائىلە بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈرۈشىمىز لازىم.

  جاڭ خەيدى مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە 85 مىليون مېيىپ بار، بۇنىڭ ئىچىدە 25 مىليوندىن ئارتۇق ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپ بار، ھاۋالىلىك بېقىش ئېھتىياجى بارلىرى 10 مىليونغا يېقىنلىشىدۇ. مېيىپلەر بار ئائىلىلەرنىڭ يۈكى ناھايىتى ئېغىر، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئائىلە ئەزالىرى ھەتتا خىزمەت قىلالماي، نۇرغۇن ئائىلىلەر نامراتلىشىپ كەتتى. شۇڭا، ئىجتىمائىيلاشقان ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئەڭ رېئال، ئەڭ جىددىي ئېھتىياجى. ئېغىر مېيىپلەرنى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش شۇنداقلا نامراتلارنى يۆلەشنىڭ مۇھىم تەرىپى. بۇ خىزمەت ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشىگە موھتاج.

  جاڭ خەيدى بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچى، ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرنى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنىڭ يۈرۈشلۈك سىياسەت ۋە تەدبىرلىرىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ كاپالىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىيىپلەرنى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمەت ياردەم پۇلى، مۇلازىمەت سېتىۋېلىش، باھالاش-نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرگە ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش لازىم.

  ئىككىنچى، يېزىلاردىكى ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرنى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش لازىم. ھازىر بار بولغان كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى، پاراۋانلىق ئەسلىھەلىرى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى، يېزىلاردىكى كوللېكتىپنىڭ بىكار تۇرغان بايلىقلىرى قاتارلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەھەللىلەرنى تايانچ قىلغان، ھاۋالىلىك بېقىش مەركەزلىرىنى ئاساس قىلغان يېزا مېيىپلەرنى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى مېيىپلەرگە بولغان ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش لازىم.

  ئۈچىنچى، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى خادىملىرىنى كەسپىي ماھارەت ئىش ئورنى تەسىس قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، كەسپىيلىشىش، كەسىپلىشىش بويىچە، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنىڭ كەسپىي قوشۇن قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر