باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى، 15 ئەزا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى چۆرىدەپ يىغىندا سۆز قىلدى

2019.03.11 16:34   مەنبە: خەلق تورى

سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى 10- مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 3- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى. 15 ئەزا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى چۆرىدەپ يىغىندا سۆز قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ، پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  ئەزا دېڭ چۇندوڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دىدى: كەڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى توغرا مەيدان، ئىلمىي نەزەرىيە، ئىلغار تەپەككۇر ئارقىلىق جەمئىيەتنى تونۇش، دۇنيانى تونۇشقا، ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيەگە بولغان قەتئىي ئېتىقادنى تۇرغۇزۇشقا، ۋەتەن ۋە خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشقا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتەك ئالىيجاناپ روھنى تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي، ئاق كۆڭۈل، گۈزەل كىشىلىك ئىنتىلىشنى تۇرغۇزۇپ، يۈكسەك، ئاق كۆڭۈل ئىنسانىي پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش لازىم.

  ئەزا لۈ يىتاۋ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋر مەشھۇر ئەدىب، سەنئەتكار، نەزەرىيەچىلەرنى چاقىرماقتا. ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى چوقۇم دەۋر يۈكلىگەن بۇرچنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى كېرەك، دىققەتنى دەۋرگە قارىتىش، دەۋرنى تەپسىلىي كۆزىتىش، دەۋرنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئىجاد قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ «خەلقچىللىق» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئەسەرلەر ئارقىلىق خەلققە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئەخلاق ئارقىلىق جەمئىيەت كەيپىياتىنى يېتەكلەپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر