- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەزا گاۋ شياۋمېي جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇشى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، دېدى
2019.03.11 16:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەزا گاۋ شياۋمېي 10-چېسلا جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابى كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋەكالىتەن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 0 ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بوۋاق، گۆدەكلەرنىڭ بېقىلىشىنى قوللاش — نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان خەلق تۇرمۇشىدىكى ئاجىز ھالقا، پەرزەنت تەربىيەسىنى جامائەت مۇلازىمەت سىستېمىسى ئىچىگە كىرگۈزۈشنى تېزلىتىش، جامائەت پەرۋىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.
گاۋ شياۋمېي مۇنداق دېدى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق كۆپ تارماقلار بىرلىشىپ ھۆججەت تارقىتىپ، بالىلار تەربىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق بولمىغان جامائەت مۇلازىمىتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش سالمىقى ھەقىقىي ئاشۇرۇلدى. لېكىن بوۋاقلارنى پەرۋىش قىلىش ساھەسىدە يەنىلا جاۋابكار ئورۇننى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولماسلىق، چىقىم خامچوتىنى بەلگىلىيەلمەسلىك، ئېتىبار بېرىش سىياسىتى جەھەتتىن قوللاش كەمچىل بولۇش، ئۆلچەم سىستېمىسى مۇكەممەل بولماسلىق، مۇلازىمەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قېلىپلاشماسلىق مەسىلىلىرى مەۋجۇد.
گاۋ شياۋمېي مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلار پەرۋىش مۇلازىمىتىدىن باشلاپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ماس كېلىدىغان بوۋاقلارنى پەرۋىش قىلىش تۈزۈم سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، مالىيەدىن مۇۋاپىق قوللاش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، ئائىلىدە بالا بېقىش كىرىمىدىن شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشنى تەتقىق قىلىپ، يەسلى ئاتلاپ بېقىشتا مالىيە تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم.
بىرىنچى، پەرۋىش مۇلازىمىتىدە ئاسراش-پەرۋىش قىلىش، ئوزۇقلۇق، بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. چەت ئەلدىكى مەخسۇس ئائىلە ئىشلىرى بۆلۈمى، بالىلار پاراۋانلىق ئىدارىسىنى ئۆرنەك ئېلىشقا بولىدۇ، ئېلىمىزنىڭ بوۋاقلارنى پەرۋىش قىلىشنى مەخسۇس باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى تەتقىق قىلىپ قۇرۇشنى تېزلىتىپ، بالىلار پاراۋانلىق تارماقلىرى مەسئۇل بولۇشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.
ئىككىنجى، ئىجتىمائىي پەرۋىش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش لازىم. ھۆكۈمەت مەدەت بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى قاتنىشىشقا تەكىتلەش، ئەلا سۈپەتلىك ھەممىباپ پەرۋىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت پۇقرالارنىڭ بېجىرىشىگە ياردەم بېرىش، كارخانىلار ئۆز ئالدىغا قۇرۇش، مەھەللىدە قاراش، قوشنىلار ياردەم بېرىپ قاراش قاتارلىق تۈرلۈك ئاپپاراتلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىلھام بېرىپ، بالىسى بار ئائىلىلەرنى دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئەتىگەندە ئاپىرىش، كەچتە قاراش، ۋاقىتلىق پەرۋىش قىلىش قاتارلىق كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجنى قاندۇرۇش كېرەك.
ئۈچىنچى، خەلقنى مەركەز قىلغان پەرۋىش مۇلازىمىتىدە ئاساسىي، ھەممىباپ، ئادىل، ئۆلچەملىك بولۇشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. پەرۋىش مۇلازىمىتى ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاممىۋى سىياسەت، بايلىق، مالىيە كۇچى جەھەتتىكى قوللاش ۋە تەقسىماتتا تۈرلۈك پەرۋىش ئاپپاراتلىرىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش كېرەك، تەلەپكە ئۇيغۇن بولسىلا، ئورۇن-مەيدان، سىياسەت تولۇقلىمىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق قوللاپ، ئىجتىمائىي ئاپپاراتلارنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ساغلام بولغان ئېكولوگىيەلىك پەرۋىش مۇلازىمىتىنى يارىتىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر