- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەزا ۋاڭ نىڭلى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە، بىز دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە ئومۇمىي خەلق ھەرىكىتىگە ئېھتىياجلىق، دېدى
2019.03.04 17:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3 -مارت چۈشتىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 -يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، 2019- يىللىق ئىككى يىغىننىڭ تۇنجى مەيدان ئەزالار يولى ئېچىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ تۇڭرېن دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ نىڭلى ئىنكاس بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزدە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ قوزغىلىشى بارغانسېرى ياشلىشىپ، كىچىكلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلىمەكتە. يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەشتە خىسلەتلىك دوختۇر يوق، ئالاھىدە ئەسۋاپمۇ يوق، بۇنىڭدا، چوقۇم دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەسى ۋە ئومۇمىي خەلق ھەرىكىتى بولۇش كېرەك.
ۋاڭ نىڭلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «كۆز ئاسراش گىمناستىكىسىنى توغرا، ئەستايىدىل ئوينىسا، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ چارچىشىنى پەسەيتىش، توسالغۇنى ئازايتىشنى تەڭشەشتە چوقۇم ئۈنۈمى بولىدۇ. لېكىن، يالغۇز كۆز ئاسراش گىمناستىكىسىدىن ئىبارەت بىر تۈرگە تايىنىپلا، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ئۇنى تىزگىنلىگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭدا چوقۇم ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لازىم.»
ۋاڭ نىڭلىنىڭ قارىشىچە، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ھەقىقىي جەڭ مەيدانىغا بەلكىم سەل قارالغان، يەنى بۇ ئەسلىدە بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ۋاقتىدا چىڭ تۇتۇلۇشى كېرەك. ھازىر جەمئىيەتتە ھەر خىل يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۈسكۈنىسى، پىرىبورلار پەيدا بولدى، بۇنىڭدا سۈپەتتىن تىزگىنلەشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك، بۇ خىل ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنىڭ بالىلارغا كۆرۈش سېزىمى جەھەتتىكى ئىككىلەمچى زەخىملىنىشنى ئېلىپ كېلىشىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر