- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2019-يىلى 1-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىدىن 5000دىن ئارتۇقى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى
2019.03.01 15:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تورىنىڭ 28–فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى 1-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان مەسىلىدىن 5001ى بار بولۇپ، 7303 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، 5391 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي جازا بېرىلگەن.
مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، ھەر قايسى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ۋە مەركەز پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئايلىق دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورناتتى.
2019-يىلى 1-ئايدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بۇ 5001 مەسىلە ئىچىدە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما ياكى پاراۋانلىق تارقىتىش مەسىلىسى 1322 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات بۇيۇمى، سوۋغات پۇلى بېرىش ۋە قوبۇل قىلىش مەسىلىسى 1080 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش 736 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش-ئىشلىتىش مەسىلىسى 663 قېتىم، ئۆلچەمدىن ئارتۇق مېھمان كۈتۈۋېلىش بىلەن تەمىنلەش ياكى تەمىنلەشنى قوبۇل قىلىش، ئومۇمنىڭ پۇلىغا يۇقىرى ئىستېمال سەۋىيەسىدىكى ئىستىراھەت، چېنىقىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ياكى شۇلارنى قوبۇل قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئارامگاھلارغا كىرىش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۇرالغۇسى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولماسلىق، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ زىياپەت بېرىشىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردىن 421 قېتىم، توي-تۆكۈن، مۇسىبەت قاتارلىق مۇراسىملارنى چوڭ ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدىن 369 قېتىم، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلىش مەسىلىسىدىن 235 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىش مەسىلىسىدىن 159 قېتىم، ھۆكۈمەت پۇلىغا چەت ئەلگە ساياھەتكە چىقىش مەسىلىسىدىن 16قېتىم بولغان. سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي جازا بېرىلگەن كادىرلار ئىچىدە ۋىلايەت، نازىر دەرىجىلىك كادىردىن 66 كىشى، ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك كادىردىن 594 كىشى، يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كادىردىن 4731 كىشى بار.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر