باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«نامراتلىق» بىلەن خوشلىشىپ، يېڭى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش

2019.02.28 17:41   مەنبە: خەلق تورى

«نامراتلىق» بىلەن خوشلىشىپ، يېڭى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسى تۇڭئەن يېزىلىق كۆچمەنلەر يېڭى كەنتىدىكى يېڭى ئۆيىدە، رەناگۈل قەھرىمان (سولدىن 2-كىشى) ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ناشتىلىق يېيىشكە تەييارلىق قىلماقتا (17-فېۋرال تارتىلغان).

  قۇرۇمتاغ تاغلىق رايون بىلەن خوشلىشىپ، ئىللىق يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن رەناگۈل قەھرىمان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ «كۆڭۈل بۆلىدىغان» ئىشى ھەل بولدى. بۇلتۇر 8-ئايدا، 1149 ئائىلىلىك دېھقان، چارۋىچى شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى كوسراپ يېزىسىدىن 94 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسى توڭئەن يېزىلىق كۆچمەنلەر يېڭى كەنتىگە كۆچۈرۈلدى.

  ھەممە نەرسە يېڭى ئىدى. «ئەمىن ئۆيدە پار بار، ئەمدى سوغۇقتا توڭلىمايدىغان بولدۇق؛ تەبىئىي گاز، تۇرۇبا سۈيى، ئالاقە تورى، سىملىق تېلېۋىزىيەنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن، بۇرۇنقى تەستە كۈن ئۆتكۈزىدىغان قىيىن مەسىلە ھەل بولدى» __ رەناگۈل قەھرىمان شۇنداق دېدى.

  رەناگۈل قەھرىماننىڭ يېڭى ئۆيىدە، ئۆي بېزەش ئۈچۈن يىغقان 40 مىڭ يۈەن پۇلى ۋە ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى ئېچىۋاتقان دۇكىنىنىڭ تىجارەت تاپاۋىتىدىن كەلگەن، تېلېۋىزور، سۇ ئىسسىتقۇچ، توڭلاتقۇ قاتارلىق ئەسلىھەلىرى تولۇق. «ئەڭ قولايلىق بولغىنى تازىلىق ئۆيى. ئىلگىرى تاغدا قۇرغاق ھاجەتخانا ئىشلىتەتتۇق، ھەممىلا يەردە چىۋىن ئۇچۇپ يۈرەتتى؛ تۇرۇبا سۈيى بار بولدى، ئەمدى دەرياغا بېرىپ سۇ ئەكەلمەيمىز.»

  رەناگۈل قەھرىمان ھازىر بىر كىچىك دۇكان ئاچتى، ئېرى مەغرۇپ مۇراب بولسا پار ۋە سۇ يوللىرى رېمونتچىسى، بوش ۋاقىتلىرىدا يەنە ئاپتوموبىل ھەيدەپ، يۈك تىرانسپورت ئىشىنى قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى كۆچۈرۈپ كېلىنگەندىن ھازىرغىچە 60 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. باھار بايرىمى ھارپىسىدا، يەنىلا نامرات ئائىلىلەرنىڭ تىزىملىكىدىكى رەناگۈل قەھرىمان ئائىلىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە «قالپاقنى ئېلىپ تاشلاپ» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇردى.

  2018-يىلى، شىنجاڭدا يەنە 537 مىڭ ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، ئۈچ ناھىيە، 513 كەنت نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نامراتلىق نىسبىتى %6.51 غا تۆۋەنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغانل…
    ·بۇ قېتىملىق نەتىجە قەغىزىدە يارقىن نۇقتىلار كۆپ
    ·تاشكەنتتە قار ياغدى
    ·ئوتتۇرا ئاسىيا بىخەتەرلىك، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى تاشكەنتتە ئېچىلدى
    ·مالىيە مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆي-جاي بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، بۇ سىياسەت 2021ـ ي…
    ·ئېلىمىز 1+ X گۇۋاھنامە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ
    ·بالىنىڭ ساغرىسىغا ئۇرۇپ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى بالىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىغا سەلبىي تەسىر ي…
    ·بۇ يىل «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن «دۆلەتنىڭ كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» د…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ يەسلى ئېچىشىغا ئىلھاملاندۇرۇلىدى…