- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋېنېسۇئېلاغا ئىجابىي ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى
2019.02.26 16:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ ۋېنېسۇئېلا ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋېنېسۇئېلانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش شەرتى ئاستىدا، ۋېنېسۇئېلاغا ئىجابىي ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لۇ كاڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ۋېنېسۇئېلانىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ۋېنېسۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا، ئاتالمىش «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى» مەسىلىسى بىلەن سىياسىي مەقسەتكە يېتىشىگە قارشى تۇرىدۇ، ۋېنىسۇئېلانىڭ دۆلەت ئىچى ۋە ئەتراپتىكى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى، ھەتتا داۋالغۇش بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى بۇ ھەر قايسى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس.
«بىز ۋېنېسۇئېلانىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋە ھاكىمىيەت سىرتىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن رامكىسى ئىچىدە سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي تۈردە ۋېنېسۇئېلانىڭ دۆلەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشىنى يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلىمىز.»
لۇكاڭ يەنە مۇنداق دېدى: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋېنېسۇئېلانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش شەرتى ئاستىدا، ۋېنېسۇئېلانى ئىجابىي ياردەم بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر