- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنىڭ ھەممىسى «ئالتە باج، ئىككى ھەق»نى ئەڭ يۇقىرى چەكتە كېمەيتىپ يىغىدۇ
2019.02.26 15:36 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت باج باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ھەممىسى ئېنىق ھۆججەت تارقىتىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلاردىن ئېلىنىدىغان «ئالتە باج، ئىككى ھەق»نى %50 نىسبەت بويىچە كېمەيتىپ ئالىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. داليەن، چېڭداۋ، نىڭبو، شيامېن، شېنجېن قاتارلىق پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان بەش شەھەر شۇ ئۆلكىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇئەييەن دائىرە ئىچىدە «ئالتە باج، ئىككى ھەق»نى ئازايتىشقا رۇخسەت قىلىنىشى يېڭى بىر نۆۋەتلىك كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قارىتىلغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق باج-ھەق كېمەيتىش سىياسەت-تەدبىرلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەن. 1-ئاينىڭ 9- كۈنى چاقىرىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قارىتىلغان يەنە بىر تۈركۈم ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق باج كېمەيتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش قارار قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن ھەر يىلى يەنە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەخمىنەن 200 مىليارد يۈەنلىك يۈكىنىڭ يەڭگىللىتىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. يىغىندا، ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرىدىغان كىچىك كۆلەمدىكى باج تاپشۇرغۇچىلاردىن بايلىق بېجى، شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇش بېجى، ماركا بېجى، شەھەر-بازارلاردا يەر ئىشلىتىش بېجى، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى قاتارلىق يەرلىك باج ۋە مائارىپ قوشۇمچە ھەققى، يەرلىكنىڭ مائارىپ قوشۇمچە ھەققىنى %50 دائىرىدە كېمەيتىپ ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا، شۇنىڭدەك ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا قاراپ، قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرىدىغان كىچىك كۆلەمدىكى باج تاپشۇرغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان بايلىق بېجى، شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇش بېجى، ئۆي-زېمىن بېجى، شەھەر-بازارلاردا يەر ئىشلىتىش بېجى، ماركا بېجى (ئاكسىيە سودىسىدىن ئېلىنىدىغان ماركا بېجىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى ۋە مائارىپ قوشۇمچە ھەققى، يەرلىكنىڭ مائارىپ قوشۇمچە ھەققىگە قارىتا، باج سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتى ئىچىدە كېمەيتىپ ئېلىشنى بېكىتتى، سىياسەتنى ئىجرا قىلىش ۋاقتىنىڭ 2019-يىلى 1- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2021-يىلى 12- ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەرنىڭ «ئالتە باج، ئىككى ھەق»نى كېمەيتىپ ئېلىش تەدبىرلىرى كەينى-كەينىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بولغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق باج-ھەق كېمەيتىش سىياسەت-تەدبىرلىرىنىڭ يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىلدى. ئىگىلىنىشىچە، 1- ئاينىڭ 21-كۈنى، 23-كۈنى جىلىن، سەنشى، جېجياڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە ئالدى بىلەن %50 لىك ئەڭ يۇقىرى چەكتە «ئالتە باج، ئىككى ھەق»نىڭ كېمەيتىپ ئېلىنىدىغانلىقىنى بېكىتكەن، باشقا 28 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لەرمۇ دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدە ئارقا-ئارقىدىن ھۆججەت تارقىتىپ، ئەڭ چوڭ چەكتە كېمەيتىپ ئېلىشنى ئايدىڭلاشتۇرغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر