باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدىكى 31 ئۆلكىدە ياشانغانلار ياردەم پۇلى تۈزۈمى ئورنىتىلدى

2019.02.22 14:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 21- چېسلا ئېچىلغان گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكىدە ياشانغانلار ياردەم پۇلى تۈزۈمى ئورنىتىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 30 ئۆلكىدە ياشانغانلار مۇلازىمىتى تولۇقلىمىسى تۈزۈمى، 29 ئۆلكىدە ياشانغانلار كۈتۈنۈش ياردەم پۇلى بېرىش تۈزۈمى، 29 ئۆلكىدە يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش - مۇلازىمەت قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلغان. تۈرلۈك قوشۇمچە ياردەم پۇللار جەمئىي 30 مىليوندىن ئارتۇق ياشانغانلارغا نەپ يەتكۈزگەن.

  ئۇندىن باشقا، 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى 30مىڭغا، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئورنى 7 مىليون 464 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىدىكى كارىۋاتلارنىڭ سانى 3 مىليون 928 مىڭغا، مەھەللىلەردىكى كۈتۈنۈش كارىۋات سانى 3 مىليون 536غا يەتكەن.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستېرلىقىنىڭ مىنىستېرى خۇاڭ شۇشيەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياشانغانلار ساناتورىيەسى مۇلازمەت سۈپىتى قۇرۇلۇشى مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كەڭ ياشانغانلارنىڭ تاللىشىغا بولىدىغان ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت شەكللىرى بارغانسېرى موللاشتى، ئېلىمىزنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقى ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ياشانغانلار ساناتورىيەسى مۇلازمەت سۈپىتى قۇرۇلۇشى مەخسۇس ھەرىكىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، 2017- يىلى 197 مىڭ تۈرلۈك مۇلازىمەتتىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈزەش ئاساسىدا، 2018- يىلى يەنە 163 تۈرلۈكىنى تۈزەتتى. نۆۋەتتە، ياشانغانلار ساناتورىيىسىدە ساقلىنىۋاتقان بىخەتەرلىك سۈپىتىگە چېتىشلىق يوشۇرۇن مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا يايقالغانلىرىدىن%90تىن كۆپرەكى ھەل قىلىندى.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گاۋ شياۋبىڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسى ئىككى يىلدا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇ تۈرلۈك مەخسۇس ھەرىكەتنى داۋاملىق ياخشى يولغا قويۇپ، چوڭ شەھەرلەرنىڭ مەركىزىي رايونلىرىدىكى كۈتۈنۈش قىيىن بولۇشتەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلار، بولۇپمۇ نامرات رايونلاردىكى ياشانغانلار ساناتورىيىسىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە پۇقراۋى كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى باشلاپ، ھەمدە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىللە كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مەجبۇرى دۆلەت ئۆلچىمىنى تۈزىمەكچى بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر