باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەتقىققاتتا بايقىلىشىچە - -

جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتىنىڭ قاتتىق كاربونغا قارىتا تۆھپىسى زور

2019.02.21 12:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى بىر قەرەللىك ئامېرىكا «دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادا يېرىمدىن ئارتۇق كاربوننىڭ يىغىلىش مىقدارى ھەرگىز ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنىغا ئەمەس، بەلكى 140 يىلغىمۇ يەتمەيدىغان ياش ئورمانلارغا مەنسۇپ ئىكەن. بۇ شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كۆچەت تىكىپ بىنا قىلىش پائالىيىتىنىڭ قاتتىق كاربونغا نىسبەتەن مۇھىم رولى بار ئىكەن.

  ئورمان ئادەتتە مۇھىم كاربون يىغقۇچى، ھەم ئاتموسفېرادىكى كۆپ مىقداردىكى كاربوننى تۇتالايدۇ ۋە ساقلىيالايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئاساسى ئېقىمنىڭ قارىشىچە، ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى پارنىك گازىنى سۈمۈرۈش جەھەتتە زور رول ئوينايدۇ.

  ئەنگلىيەنىڭ بىرمىنھام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى كومپيۇتېر بىلەن مودېل قۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، 2001- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە ئىپتىدائىي ئورماننىڭ كاربون سۈمۈرۈش مىقدارىنى ھېسابلىغان، ھەمدە ئۇنى يېڭى بىنا قىلىنغان ئورمانلار بىلەن سېلىشتۇرغان. يېڭى بىنا قىلىنغان ئورمانلارنىڭ تۇرۇشلۇق رايونلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ياكى دەرەخ كېسىش دېگەندەك ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرغان، ياكى ئوت ئاپىتى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرگە دۇچ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. نەتىجىدە شۇ بايقالغانكى، يېڭى بىنا قىلىنغان ئورمانلارنىڭ سۈمۈرگەن كاربون مىقدارى ئىپتىدائىي ئورمانلىقتىن ئېشىپ كەتكەن.

  تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى بىنا قىلىنغان ئورمانلار كۆپ مىقداردا كاربون سۈمۈرەلەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇ يەنە ئاتموسفېرادا كاربون كۆپىيىپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان"ئوغۇت ئېففېكتى"دىن باشقا يەنە، دەرەخلەرنىڭ يېشىنىڭ بىرقەدەر قىسقا بولۇشىمۇ كاربون سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ كىتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ «دەرەخ يېشى ئېففېكتى»نىڭ ئورماننىڭ كاربون سۈمۈرۈش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %25نى ئىگىلىشىدە تۆھپىسى بار ئىكەن.

  بۇ خىل دەرەخ يېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كاربون سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىش ئەھۋالى ئاساسلىقى ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنىدا ئەمەس، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى كەڭلىك رايونلاردىكى ئورمانلاردىمۇ يۈز بېرىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى نۇرغۇن شىتاتلاردىكى كەڭ دائىرىدىكى ئورمانلىق، كانادا، رۇسىيە ۋە ياۋروپانىڭ شىمال ئورمانلىقى ۋە جۇڭگونىڭ كەڭ كۆلەمدە ئورمان بىنا قىلىش تۈرى قاتارلىقلارمۇ قاتتىق كاربونغا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر