- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۆگىنىش تۈرىدىكى App كارخانىلىرى كەسىپ ئىنتىزامچانلىق تەشەببۇسنامىسى ئېلان قىلدى
شەھۋانىي، زوراۋانلىق، تور ئويۇنى قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ كىرگۈزۈلۈشى توسۇلىدۇ
2019.01.07 16:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر تۈركۈم ئۆگىنىش تۈرىدىكى App كارخانىلىرى يېقىندا بېيجىڭدا بىرلىكتە كەسىپ ئىنتىزامچانلىق تەشەببۇسنامىسى ئېلان قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ساغلام، قىممىتى بار «ئالاقە تورى + مائارىپ» كەسپى بەرپا قىلىپ، مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ پايدىلىق تولۇقلىمىسى بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، تەشەببۇسنامىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەزمۇن تەكشۈرۈش جەھەتتە، شەھۋانىي، زوراۋانلىق، تور ئويۇنى، سودا ئېلانلىرى ۋە مائارىپ- ئوقۇتۇش قانۇنىيىتىگە خىلاپ قاتارلىق مەزمۇنلارنى توسۇش لازىم.
يېقىندا، مائارىپ مىىنستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى «زىيانلىق ئەپ دېتاللىرىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرىشىنى قاتتىق مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش تىپىدىكى ئەپ دېتاللىرىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىشىنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، زىيانلىق ئەپ دېتاللىرىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇقتۇرۇشنىڭ تەلىپىگە ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، يىچى مائارىپ پەن-تېخنىكا شىركىتى، جىكې چوڭ سانلىق مەلۇماتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆگىنىش تۈرىدىكى ئەپ دېتالى كارخانىلىرى بېيجىڭدا كەسىپ ئىنتىزامچانلىق تەشەببۇسنامىسىنى بىرلىكتە ئېلان قىلىپ، مائارىپ قىممىتىنى يېتەكچى قىلىپ، تېخنىكىلىق مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىش تۈرىدىكى ئەپ دېتاللىرىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى پەيدىنپەي بەرپا قىلىش ھەققىدە ۋەدە بەردى.
تەشەببۇسنامىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەزمۇن تەكشۈرۈش جەھەتتە، شەھۋانىي، زوراۋانلىق، تور ئويۇنى، سودا ئېلانلىرى ۋە مائارىپ-ئوقۇتۇش قانۇنىيىتىگە خىلاپ قاتارلىق مەزمۇنلار توسۇلىدۇ، ئىمتىھان مائارىپى ۋاسىتىسىگە ئالاقىدار مەزمۇنلار توسۇپ قېلىنىدۇ؛ سودا ئەندىزىسى جەھەتتە، ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن قەتئىي ھەق ئېلىنمايدۇ، ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر مۇناسىۋەتلىك ھەقلەرنى تۆلىمەيدۇ؛ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى جەھەتتە، تېخنىكا مۇداپىئە ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، ئابونتلارنىڭ سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلىنىپ كېتىشتىن قەتئىي ساقلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر