باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى «بىر بەلباغ، بىر يول» دېگەن سۆز بار ھەر قانداق ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى تەستىقلىمىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.07.05 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 4-ئىيۇل كۆرسەتمە ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە «بىر بەلباغ، بىر يول» دېگەن سۆز بار ھەر قانداق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تەستىقلىمىغانلىقىنى، ئومۇمەن «بىر بەلباغ، بىر يول» دېگەن سۆز بار ھەم ئۆزىنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان تەشكىلات دەۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ساختا تەشۋىقات ئىكەنلىكىنى، قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ھەمدە سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىندا بەزى تىزىمغا ئالدۇرمىغان «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىتتىپاقى، تەتقىقات جەمئىيىتى دېگەنگە ئوخشاش تەشكىلاتلار جەمئىيەتتە پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، مۇنبەر، مۇھاكىمە يىغىنى، كۆرگەزمە ۋە سېلىشتۇرۇپ باھالاش، مۇسابىقە دېگەنگە ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، يۇقىرى سوممىلىق ھەق يىغقان، بەزى ئورۇن ۋە شەخسلەرگە ئىقتىسادىي زىيان سېلىپ، ئېغىر ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان، بەزىلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نامىدىكى بايلىق توپلاش ھەرىكىتىدىن ساقلىنىشنى، جامائەتنىڭ مەلۇم بىر ئىجتىمائىي تەشكىلاتقا كىرگەن ياكى ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقاندا ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشىنى، بىھۇدە زىيان ۋە قانۇن ماجىراسى پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بۇ تەشكىلاتنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيەت ھازىرلىغان-ھازىرلىمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشىنى ئەسكەرتتى.

  ئالاقىدار ئاپپارات ۋە خادىملار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قۇرغاندا، چوقۇم «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى» قاتارلىق مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك. تىزىمغا ئالدۇرماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىجتىمائىي تەشكىلات نامىدا پائالىيەت قىلغان تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قانۇنسىز مال-مۈلۈكلەر مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا تىزىملانغان مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئىسىملىكىنى تەكشۈرۈشتە، جۇڭگو ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار تورى (http://www.chinanpo.gov.cn)دا تەكشۈرسە بولىدۇ. يەرلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تىزىملىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تەكشۈرۈشتە، جايلاردىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىگە كىرىپ ياكى يەرلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر