باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى، دۆلەت دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسى «تەسەۋۋۇر» نى ئېلان قىلدى

«بىر بەلباغ، بىر يول» دېڭىز ھەمكارلىقىدىكى جۇڭگو لايىھەسى بارلىققا كەلدى

2017.06.21 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى، دۆلەت دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسى يېقىندا بىرلىشىپ «‹بىر بەلباغ، بىر يول› قۇرۇلۇشى دېڭىز ھەمكارلىق تەسەۋۋۇرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەسەۋۋۇر» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلدى. بۇ، 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتى» ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى دېڭىز ھەمكارلىقىنىڭ جۇڭگو لايىھەسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇشى، شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

  «تەسەۋۋۇر» دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش-ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىشتەك يىپەك يولى روھىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كېلىپ، پەرقنى ساقلاپ قېلىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش؛ ئېچىۋېتىش-ھەمكارلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، تەرەققىي قىلىش؛ بازار مەشغۇلاتى، كۆپ تەرەپ قاتنىشىش؛ ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، مەنپەئەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ب د ت بەلگىلىگەن «2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى» نىڭ دېڭىز-ئوكيان ساھەسىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كۈچ چىقىرىپ، 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەر تەرەپلىك، كۆپ ساھەلىك دېڭىز ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان ھەمكارلىق مۇنبىرىنى ئورتاق قۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشتەك كۆك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنۇتۇپ ھەم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ «كۆك موتۇرى» نى بەرپا قىلىدۇ.

  «تەسەۋۋۇر» دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كۆك ئىقتىساد ئۈچ يولىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىش: جۇڭگونىڭ دېڭىز بويى ئىقتىساد بەلبىغى كۆك ئىقتىساد يولىنى تىرەك قىلىپ، جۇڭگو-ھىندىچىنى يېرىم ئارىلى ئىقتىساد كارىدورىنى تۇتاشتۇرۇپ، نەنخەي ئارقىلىق غەربتىن ھىندى ئوكيانغا كىرىپ، جۇڭگو-پاكىستان،جۇڭگو-بېنگال-ھىندىستان-بىرما ئىقتىساد كارىدورىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ھىندى ئوكيان-ئافرىقا-ئوتتۇرا دېڭىز كۆك ئىقتىساد يولىنى ئورتاق قۇرۇش؛ نەنخەي ئارقىلىق جەنۇبتىن تىنچ ئوكيانغا كىرىپ، جۇڭگو-ئوكيانىيە-جەنۇبىي تىنچ ئوكيان كۆك ئىقتىساد يولىنى ئورتاق قۇرۇش؛ شىمالىي مۇز ئوكيان ئارقىلىق ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان كۆك ئىقتىساد يولىنى ئورتاق قۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر