باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ چىباۋ: پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بىلەن ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك

2017.06.20 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋ 19-ئىيۇن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەز ئىدېئولوگىيە ئورۇنلىرىنى كۆزىتىشكە ئالاقىدار روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىغا قاتناشتى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بىلەن ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش-تۈزىتىش ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى ياخشى ساقلاپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك چاقىرىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئىدىيەۋى جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

  ليۇ چىباۋ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركەز ئىدېئولوگىيە ئورۇنلىرى «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تىكلەپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ئاكتىپ تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدېئولوگىيەسىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى ۋە ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچى ئورنىنى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. بازىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش، قىممەت يۆنىلىشى، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى مەھكەم ئىگىلەپ، كۆزىتىش-تۈزىتىش خىزمىتىنى ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە سۈپىتىدە داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى بىرمۇ بىر تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىدېئولوگىيە بازىسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقى، سۆز قىلىش ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر