خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(مەلىكەم تەرجىمىسى):شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر خەلق تورىنىڭ قويۇپ تارقىتىش ئۆيىدە (خەلق تورى مۇخبىرى خەن شۇشيەن فوتوسى)
11- ماي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر خەلق تورى ئارقىلىق تورداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ ئۈچ يىللىق تەرەققىياتى نەتىجىسىدە، شىنجاڭدا زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بۇ ئۈچ يىل ئىچىدە پۇقرالار كۆپلەپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى، تۇرمۇش سەۋىيەسى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى ۋە تۇرالغۇ شارائىتى دېگەندەك جەھەتلەردە زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.
شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: «بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا دۆلەتنىڭ ھەر تۈرلۈك سىياسەتلىرىدىن تىرىشىپ ياخشى پايدىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئۇل خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىشلىدۇق. مەسىلەن، شىنجاڭ بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، مىليونغا يېقىن يېزا ئەمىن ئۆي ۋە چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۆيى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈچ يىلغىچە ھەقسىز قوش تىل مائارىپى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ھەقسىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. مانا ئەمدى شىنجاڭدىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسىنى 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ۋە مائارىپ ساپاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈشى ئۈچۈن تىرىشماقتىمىز.
ئۇندىن باشقا، ھازىر شىنجاڭدا ھەر يىلى بىر قېتىم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ساغلاملىق ئېڭى، ساغلاملىق ئۈچۈن داۋالىنىشى ۋە ساغلاملىق سەۋىيەسى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
شۆھرەت زاكىر يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقىرىقىدەك بۇ بىر قاتار خىزمەتلەر خەلق ئاممىسىنى ئىسلاھات ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ خىزمەتلەر «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى بولغان ئىنسان ساپاسى شارائىتى ۋە تۇرمۇش سەۋىيە شارائىتى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىشلىرىغا قاتنىشىشى ۋە ئۇنى قۇرۇشى جەريانىدا ئۇنىڭدىن ئۈزلۈكسىز مەنپەئەتلىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى ۋە ئاساس سالدى.
شۆھرەت زاكىر يەنە مۇنۇلارنىمۇ بىلدۈردى: «ئامما ئۈچۈن ياخشى تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى ھېسابلىنىدۇ. يېشىل شەھەر بىلەن مۇھىت ئاسىراش مۇھىتى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېشىل تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، بىز شىنجاڭنى ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈشتە، يېشىل تەرەققىياتنى ئالاھىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، «ئۈچ يۇقىرى» كەسىپنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «بىر بەلباغ، بىر يول»غا ئاساس سېلىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەرگەن چاغدا، بىز، تېخىمۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋە تېخىمۇ زامانىۋىلاشقان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى، شۇنداقلا تېخىمۇ دەۋر روھىغا ئىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر ئۇقۇمىنى پۈتكۈل شەھەر-يېزا تەرەققىيات تەپەككۇرىغا كىرگۈزۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەرنى «بىر بەلباغ، بىر يول»غا مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، يېشىل مۇھىتنى «بىر بەلباغ، بىر يول»غا مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، ھەم دەۋر روھىنى نامايان قىلىدىغان، ھەم يېشىل تەرەققىياتنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان شىنجاڭ ئوبرازىنى بەرپا قىلىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى