باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھەرلىك تۇغۇت دوختۇرخانىسىدا بۇنىڭدىن كېيىن نومۇر ئېلىشتا ئۆچرەتتە تۇرۇش ھاجەتسىز

2016.06.22 13:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بۈگۈن بېيجىڭ شەھەرلىك تۇغۇت دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىچە: 18-ئىيۇن سائەت 0دىن باشلاپ، بۇ دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىن باشقا بۆلۈملەردە ئومۇميۈزلۈك ئالدىن پۈتۈشۈپ نومۇر ئېلىش شەرق-غەرب ئىككى رايوندا بىردەك يولغا قويۇلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن دوختۇرخانىنىڭ نومۇر ئېلىش كۆزنىكى بارا-بارا مۇلازىمەتتىن توختىتىلىپ، كوللېكتىپ كارتا تۇرغۇزۇش، ھەق تاپشۇرۇش، بېيجىڭدىكى دوختۇرخانىلاردا بېجىرىلگەن كارتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە ھېساباتقا پۇل قاچىلاش، ھەق قايتۇرۇش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئېغىزىغا ئايلىنىدىكەن. دوختۇرخانا پۈتۈنلەي نومۇر مەنبەسىنى رەتلەپ ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، بىمار ئۈچۈن 114 لىنىيە ۋە توردا ئالدىن نومۇر ئېلىش، ئۈندىدار سۈپىسىدا ئالدىن نومۇر ئېلىش، دوختۇرلار پونكىتى بىلەن ئالدىن پۈتۈشۈش قاتارلىق كۆپ خىل ئالدىن كېلىشىش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىپ، «ھەممە كىشى نومۇر مەنبەسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئالدىن كېلىشىش» ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر