باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەخسلەرنىڭ لەۋزىدە تۇرماسلىق خاتىرىسىنى بەش يىلدىن كېيىن بىكار قىلىشقا بولىدۇ

جازالاش ئوبيېكتى قىلىنماسلىق مۇددىتىنى ئالاقىدار تارماقلار كونكرېت تۈزىدۇ

2016.06.20 13:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆنۆگۈن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليەن ۋېيلياڭ گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ «لەۋزىدە تۇرۇشنى بىرلەشمە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە لەۋزىدە تۇرمىغاننى بىرلەشمە جازالاش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» نى چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لەۋزىدە تۇرمىغاننى جازالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپى خاتالىقنى تۈزىتىشكە ئىلھام بېرىش، قەرەللىك جازالاش، شارائىتى بارلار تۈزىتىش. شەخىسلەرگە چېتىلىدىغان ئىناۋەت خاتىرىسىدە، سەمىمىيەتسىزلىك قىلمىشى ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ، سەمىمىيەتسىزلىك خاتىرىسى پەقەت بەش يىل ساقلىنىدۇ، بەش يىلدىن كېيىن بىكار قىلىنىدۇ. جازالاش ئوبيېكتى قىلىنماسلىق مۇددىتىنى ئالاقىدار تارماقلار كونكرېت تۈزۈپ چىقىدۇ.

  ليەن ۋېيلياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «يېتەكچى پىكىر»نى تۈزۈپ ئوتتۇرىغا چىقىرىشتا، لەۋزىدە تۇرماسلىق كۆپ يۈز بېرىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىپ، سەمىمىيەتسىزلەرنى يېتەرلىك بەدەل تۆلەتكۈزۈپ ھەم ئىجابىي رىغبەتلەندۈرۈشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ۋەدىسىدە تۇرغۇچىلارنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش، ۋەدىسىدە تۇرغۇچىلارنىڭ يولى ئوچۇق بولۇش، سەمىمىيەتسىزلەر ھەممە يەردە چەكلىمىگە ئۇچراشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇشتەك توغرا يۆنىلىشنى بەرپا قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

  ليەن ۋېيلياڭ مۇنداق دېدى: نۇرغۇنلىغان تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە، كىشىلەر لەۋزىدە تۇرماسلىقنى خالىمايدۇ، سەمىمىيەتسىزلىك قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. چۈنكى سەمىمىيەتسىزلىك قىلغان ھامان ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا، ئۆي ئىجارە ئېلىش، ماشىنا ئىجارىگە ئېلىش، چېگرادىن كىرىش-چىقىش قاتارلىق ھەممىسى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «ھەممە يەردە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ»، جەمئىيەتتە پۇت دەسسەپ تۇرۇش بەك قىيىن بولىدۇ. بۇ، كىشىلەرنى ئاڭلىق ئەمەل قىلىشقا مەجبۇرلاش مېخانىزمى شەكىللەندۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر