باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يۇقىرى تېمپېراتۇرا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى جىددىي ئورۇنلاشتۇردى

2016.06.20 11:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر دەل جەنۇبنىڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى بولۇپ، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن باشلاپ چاڭجياڭنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي جۇڭگو رايونلىرىدا كەڭ دائىرىدە ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قارىتا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يېنىكلىتىپ، چىلگە شالدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا تىرىشىشنى ئۇقتۇردى.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى جايلارنىڭ كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا تارقىتىشنى؛ جايلار مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى بىلەن بولغان ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى كۆرۈلگەن رايونلارغا داۋاملىق دىققەت قىلىپ، زىرائەتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى توغرا ئىگىلەپ، كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەسىرىگە ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىشنى؛ يانفون قىسقا ئۇچۇرى، رادىيو، تېلېۋىزىيە، تور قاتارلىق كۆپ خىل تەشۋىقات ئۇسۇلى ئارقىلىق، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئۇچۇرلىرىدىن ۋاقتىدا سىگنال بېرىپ خەۋەرلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر