باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇنيا بويىچە تۇنجى 3D بېسىش تېخنىكىسى بويىچە ياسالغان سۈنئىي ئومۇرتقا مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆچۈرۈلدى

2016.06.17 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 3-دوختۇرخانىسى يېقىندا، سۆڭەك بۆلىمىدىكى خوردا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان بىر بىمارنىڭ ئومۇرتقىسىدىكى ئۆسمىدىن بەش ئۈگىنى كېسىپ ئېلىۋەتتى ۋە دۇنيا بويىچە تۇنجى 3D بېسىش تېخنىكىسى بويىچە ياسالغان كۆپ بوغۇملۇق كۆرەك-بەل ئومۇرتقىسى كۆچۈرۈش ماددىسىدىن پايدىلىنىپ، 19 سانتىمېتىر كېلىدىغان چوڭ ئۆتمىلىك ئومۇرتقىنى قايتا ياساش ئوپېراتسىيەسىنى تاماملىدى.

  ئاغرىقنىڭ باش ئوپېراتسىيە دوختۇرى،3D بېسىش تېخنىكىسى بويىچە سۈنئىي ئومۇرتقا ياساش تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى، پروفېسسور ليۇ جۇڭجۈن مۇنداق دېدى: 3D بېسىش تېخنىكىسى بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان سۈنئىي ئومۇرتقا ئاغرىقنىڭ ئاناتومىيە قىلىنغان قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن، ئومۇرتقا قۇرۇلمىسىنى قايتا ياساش ۋە مۇقىملاشتۇرۇشنى تاماملىغان. شەكلىدىن تارتىپ فۇنكسىيەگىچە ئادەمنىڭ ئەسلىدىكى ئاناتومىيە قىلىنغان قۇرۇلمىسىغا يېقىن كېلىدىغان بۇنداق سۈنئىي ئومۇرتقىنى ئاغرىققا سالغاندا، ئۇلار نورمال كىشىلەرگە ئوخشاش ياشىيالايدۇ ۋە خىزمەت قىلالايدۇ. ئىگىلىنىشچە، ئىلگىرى دائىم ئۆز تېنى ياكى يات تەندىكى سۆڭەك پارچىلىرى بىلەن تولدۇرۇلغان تىتان تورى، ئومۇرتقا ئارىسىدىكى تىرەش ئەسۋابى قىلىنىدىكەن، لېكىن تىتان تورىنىڭ ئورنى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ، يۇلۇننى بېسىۋالسا، بىمار پالەچ بولۇپ قالىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 3-دوختۇرخانىسى 2009-يىلى 3D بېسىش تېخنىكىسىنى سۆڭەك بۆلۈمى ساھەسىگە ئېلىپ كىرگەن. پەن، ساھە ھالقىغان ھەمكارلىق ئارقىلىق، كۆپ يىللىق تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە كېلىنكىلىق كۆزىتىش نەتىجىسىدە، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 6-كۈنى دۇنيا بويىچە تۇنجى 3D بېسىش تېخنىكىسى بويىچە مېتالدىن ياسالغان ئادەم بەدىنىگە كۆچۈرگۈچى ماددا −− سۈنئىي ئومۇرتقا بارلىققا كەلگەن ۋە دۆلەت يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ رويخەتكە ئېلىش تەستىقىغا ئېرىشكەن، بۇ ئېلىمىزنىڭ 3D بېسىش تېخنىكىسى بويىچە ئادەم بەدىنىگە كۆچۈرگۈچى ماددا ياساش ساھەسىدە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقى، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقلارغا بەخت ئاتا قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر