باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېتيۇن خەلقئارا تىنچلىق دوختۇرخانىسى 80 مىڭدىن كۆپرەك بىمارغا نەپ يەتكۈزدى

2016.06.17 15:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئازاتلىق ئارمىيە بېتيۇن خەلقئارا تىنچلىق دوختۇرخانىسى «ئورۇن، ئادەم، رايون، تۈر، تېخنىكىنى بېكىتىش»تىن ئىبارەت بەشنى بېكىتىپ داۋالاش بويىچە نامراتلارنى دەل يۆلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كونا تايانچ بازا رايونلىرى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چىگرا رايونلار، نامرات رايونلارغا داۋالاش، دورا، تېخنىكا يەتكۈزدى، بەش يىلدىن بۇيان ئۇلارنىڭ ئاياغ ئىزى شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل، خېبېي، سەنشى قاتارلىق ئۆلكە رايونلارنىڭ 50 نەچچە ناھىيەسىدىكى 400 دىن ئارتۇق يېزا-بازارغا يېتىپ، 80 مىڭدىن ئارتۇق بىمارغا نەپ يەتكۈزدى.

  بېتيۇن خەلقئارا تىنچلىق دوختۇرخانىسىنىڭ ئاساسى 1937-يىلى قۇرۇلغان سەنشى چاخار خېبېي ھەربىي رايونلۇق ئارقا سەپ دوختۇرخانىسى بولۇپ، بېتيۇن ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان ھەم خىزمەت قىلغان دوختۇرخانا. 1939-يىلى خىزمەتتە قۇربان بولغان بېتيۇننى خاتىرىلەش ئۈچۈن، نامى بېتيۇن خەلقئارا تىنچلىق دوختۇرخانىسىغا ئۆزگەرتىلگەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ دوختۇرخانا بېتيۇن روھىغا ۋارسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى نۇرلاندۇرۇپ، تاغلىق، يېزا-كەنتلەر، دېھقانلار ئۆيلىرىگە بېرىپ، كونا تايانچ بازا رايونلىرى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چىگرا رايونلار، نامرات رايونلاردا نامراتلارنى دەل يۆلەشنى قانات يايدۇردى.

  بۇ دوختۇرخانا 2012-يىلىدىن باشلاپ ئۇدا بەش يىل «بېتيۇن داۋالاش ئەترىتى» تەشكىللەپ، ئەينى يىللىرى بېتيۇن كۆرەش قىلغان كونا تايانچ بازا رايونلىرىدا سەييارە داۋالاش، ساغلاملىق تەشۋىق-تەربىيىسى بېرىش، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەشكە ئەۋەتىپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا داۋالاش، دورا، ساغلاملىق مۇلازىمىتى يەتكۈزدى.

  بۇ دوختۇرخانا يەنە 2014-يىلىدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، بەش يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپنى قانات يايدۇرۇپ، سۆڭەك بۆلۈمى، بالىلار بۆلۈمى، تۇغۇت بۆلۈمى قاتارلىق كەسىپلەردە ئون نەچچە غوللۇق كەسپىي خادىمنى تەربىيەلەپ بەردى. 2015-يىلىدىن باشلاپ فۇپىڭ ناھىيەسى چېڭنەن يېزىلىق شىپاخانىغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، بۇ دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش تېخنىكىسىنى ئۆستۈردى.

  ئۇلار «نۇر قۇرۇلۇشى»نى قانات يايدۇرۇپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بىمارلارنى ھەقسىز كۆزگە ئاق چۈشۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدى. كونا تايانچ بازا رايونلىرىدىكى ئاڭلاش ئىقتىدارىدىن قالغان مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى داۋالىدى.

  خېبېي، سەنشىدىكى 100دىن ئارتۇق داۋالاش ئاپپاراتى بىلەن «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى» قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام جىددىي ئېھتىياجلىق داۋالاش غوللۇق خادىمىدىن 1400دىن كۆپرەكنى تەربىيەلەپ، «يوقىماس داۋالاش ئەترىتى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

  ئالاھىدە نامرات بىمارلار، مۇرەككەپ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار، ئىنقىلابىي تۆھپىكار بىمارلارنى ئادەم بېكىتىپ دەل جايىدا يۆلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر